مىلياردېر چاماسنىڭ «ئۇيغۇرلار بىلەن نېمە چاتىقىمىز؟» دېگەن بايانى كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كەلگەن

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.01.18
مىلياردېر چاماسنىڭ «ئۇيغۇرلار بىلەن نېمە چاتىقىمىز؟» دېگەن بايانى كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كەلگەن
Photo: RFA

ئامېرىكادىكى داڭلىق رادىيو قاناللىرىنىڭ بىرى بولغان «ھەممەيلەن ئىچىدە» (All-In) پروگراممىسىنىڭ 17-يانۋاردىكى نەق مەيدان سۆھبىتىدە، ئامېرىكا سودا ساھەسىدىكى مىلياردېر، ئامېرىكا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى (NBA) قارمىقىدىكى «جەڭچىلەر» كوماندىسىغا مەبلەغ سالغۇچى كىشىلەرنىڭ بىرى بولغان چاماس پالىخاپىتىيا سۆھبەت ساھىبخانىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى بايانىنى «ئۇيغۇرنىڭ ئىشى بىلەن بىزنىڭ نېمە كارىمىز؟» دەپ قېقىۋەتكەن ئىدى. مەزكۇر پروگرامما تارقىتىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يامغۇردەك تەنقىدكە ۋە ئەيىبلەشلەرگە دۇچ كەلگەن.

ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق كىشى كۆرگەن بۇ سۆھبەتتە ساھىبخان جېيسون كالاكانىس ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئىمزا قويغانلىقى ھەققدە سۆز قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق مەبلەغ سېلىش مۇھىتىدا ساقلىنىۋاتقان بىر تارىخىي ئىللەتنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ قاتاردا ئۇ ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقاندا بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» گە چېتىشلىق ساھەدىن مەنپەئەتلىنىشىنى تەنقىدلىگەن. ئەمما چاماسنىڭ يۈزتۇرانە ھالدا بۇنىڭغا قارشى چىقىشى ھەمدە «مەن ئۈچۈن بۇ ئىشلار ئالدى بىلەن ئويلىشىدىغان مەسىلىلەر ئەمەس» دېيىشى، ئامېرىكا سودا ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان بىر يوشۇرۇن پىكىرنى ئاشكارا ئىپادىلىگەن.

مەزكۇر سۆھبەتكە ئالدى بىلەن NBA نىڭ توپچىلىرىدىن ئەنەس كەنتەر كەسكىن ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇ تىۋېتتېردە بۇنى تەنقىدلەپ: «NBA ھەرقاچان ئادالەت ھەققىدە سۆز قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەممما ئۆزىنىڭ روھىنى پۇلغا سېتىۋەتكەن چاماسقا ئوخشاش كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالمايلى» دېگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ سابىق مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇنى ئەيىبلەپ: «ئەگەر NBA راستىنلا ئادالەتنى ياقلايدىغان بولسا، ئۇلار تېزدىن چاماسنىڭ پىكىرلىرىنى ئىنكار قىلىشى، شۇنىڭدەك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىنچىلىق ئارقىلىق باستۇرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىشى لازىم،» دېگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ سابىق ياردەمچى سېكرېتارى توم مالىنوۋىسكى بۇ سۆھبەتكە باھا يېزىپ: «ئامېرىكا تۇپرىقىدا تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەخسىكەشلىك قىلىۋاتقان شۇنچە كۆپ باش دىرېكتورلار دۆلىتىمىزدىكى تەڭسىزلىكنى تەنقىدلەپ ھارمايۋاتىدۇ. ئەمما ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بىلەن كارى بولىدۇ» دېگەن. شۇنىڭدەك مىلياردېر چاماسنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى زادى راستمۇ-يالغانمۇ؟»، «خىتاي كومپارتىيەسى دىكتاتور ئەمەس»، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىدىن ياخشى دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ» دېگەندەك سوئاللىرىنى مەسخىرە قىلغان.

كەلكۈندەك يامراپ كېلىۋاتقان تەنقىدلەر ئالدىدا 18-يانۋاردا چاماس سۆزىنى ئۆزگەرتىپ: «مەن سۆھبەت پروگراممىسىنى قايتا ئاڭلاپ چىققاندىن كېيىن، ئۆزۈمدە ھېسداشلىق تۇيغۇسىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مەيلى خىتايدا بولسۇن ياكى ئامېرىكادا بولسۇن ئۇ ھامان مۇھىم،» دېگەن. «جەڭچىلەر» ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ھەيئەت ئىدارىسىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، «چاماسنىڭ پىكرى پەقەت ئۆزىنىڭ شەخسىي قارشىنىڭ ئىپادىلىنىشى، خالاس. ئۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ مەيدانىمىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ» دەپ ئۆزلىرىنى بۇ ئىشتىن نېرى تارتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، چاماس پالىخاپىتىيا 1976-يىلى سىرىلانكىدىكى بىر كۆك نامرات دېھقان ئائىلىىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، بالىلىق مەزگىلىدە ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە قاچاقلار توپىغا ئەگىشىپ كاناداغا كېلىپ يەرلەشكەن. كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ قۇتقۇزۇش ياردىمى بىلەن چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ۋە بىر مەزگىل فېيسبوك ئىدارە ھەيئىتىدە ئىشلىگەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.