«يېشىل تىنچلىق» خەلقئارا مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى خىتايدىكى شېنخۇا كۆمۈر گۇرۇھىنى ئەيىبلىدى

40 تىن ئارتۇق دۆلەتتە شۆبە تەشكىلاتى بار، 1971-يىلى قۇرۇلغان «يېشىل تىنچلىق» نامىدىكى خەلقئارا مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى 23-ئىيۇل كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى شېنخۇا كۆمۈر گۇرۇھىنى ئىچكى موڭغۇلدىكى سۇ مەنبەسىنى بۇلغاش بىلەن ئەيىبلىدى.

23-ئىيۇل كۈنى يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ تور بېكىتىدە تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىل 3-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا خىتايدىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈر شىركىتى شېنخۇا كۆمۈر گۇرۇھىنىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى«كۆمۈردىن ماي ئايرىش شىركىتى» ئاجرىتىپ چىقارغان خىمىيىلىك زەھەرلىك ماددىلار رايوننىڭ سۇ مەنبەسى ۋە يايلاق مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، يەر ئاستى سۈيىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى بايان قىلىنىپ، بۇ شىركەتنىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان «كۆمۈردىن ماي ئايرىش قۇرۇلۇشى» سەۋەبىدىن رايوندىكى سۇبنۇر كۆلى سۇ يۈزىنىڭ 2004-يىلدىن 2011-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 62% تۆۋەنلىگەنلىكى بايان قىلىنغان.

خىتايدىكى شېنخۇا كۆمۈر گۇرۇھىنىڭ كۆمۈردىن ماي ئايرىش قۇرۇلۇشىنىڭ نۆۋەتتىكى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بىر مىليون 80 مىڭ توننا بولۇپ، شىركەت كۆمۈردىن ئايرىلغان ماي مىقدارىنى 5 مىليون توننىغا يەتكۈزۈشنى پىلانلانغان. ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلىيلەشتۈرۈلسە،2017-يىلغا كەلگەندە كۆمۈردىن ماي ئايرىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان سۇ يىلىغا 41 مىليون توننىغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.