خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.04.25

23 - ئاپرىل كۈنى مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا يېزىسىدا ساقچىلار بىلەن يەرلىك ئاھالىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت دەرھال جىددىي يىغىن چاقىرىپ، مۇقىملىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەن يىغىندا مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭدىن سرت، قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتمۇ ھەر دەرىجىلىك كادىرلارغا جىددىي يىغىن چاقىرغان ۋە تېررورچىلارغا قاتتىق ۋە ۋاقتىدا زەربە بېرىپ، مۇقىملىقنى قوغداش بۇيرىقى قىلغان.

ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىيىاسىتى ئارقىلىق مۇقىملىق بەرپا قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، خىتايلار تېررور ۋەقەسى دەپ ئاتاۋاتقان بۇ ۋەقە ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قارشىلىق، دېگەن ئىدى. ئىستانسىمىز يەرلىكلەردىن ئەھۋال ئىگىلىگەندە، ۋەقە يۈز بەرگەن بازاردىكى تىجارەتچىلەردىن بىرەيلەن توقۇنۇشنىڭ ساقچىلار ئۆي ئاختۇرۇش داۋامىدا بىر ئائىلىدىكى ئايالنىڭ يۈزىدىكى پەرەنجىنى ئېچىۋەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىققانلىقى ھەققىدە گەپ تارقالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي رايوندىكى مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، بېسىمنى ئاشۇرغانسېرى مۇشۇنداق ۋەقەلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ چىقىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.