روخېڭيالىق مۇسۇلمان مۇساپىرلار ھەققىدىكى خەلقئارا يىغىندا چوڭ ئىلگىرىلەش بولمىدى

29‏-ماي، تايلاندنىڭ باڭكوك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن روخېڭيالىق مۇسۇلمانلار ھەققىدىكى خەلقئارا يىغىن ‏ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن يىغىندا ھېچقانداق چوڭ ئىلگىرىلەش بولمىدى. يىغىندا بېرما ۋەكىلى ئۆزىگە قارىتىلغان تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، بېرمىنى تەنقىد قىلىش كرىزسنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن باشقا ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا ئامېرىكا، ياپونىيە، مالايشىيا، ھىندونېزىيە، بېرما قاتارلىق 17 دۆلەت ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان. خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋىللىئام لاسى سۋىڭ، «داۋاملىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدە ھاسىل قىلغان ئورتاق پىكىر يىغىننىڭ ئەڭ زور نەتىجىسى» دېدى.

يىغىندا، ب د ت نىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسى مۇئاۋىن ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك، روخىڭيالىق مۇسۇلمان مۇساپىرلار مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب ھەل قىلىنمىسا، بۇنىڭ ھېچقانداق نەتىجىسى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ « بۇ، بېرمىنىڭ ئۆز خەلقىگە قارىتا تولۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاخىرقى پىلان ئۇلارنىڭ ۋەتەنداشلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش»دېگەن. بىراق يىغىندا، بېرما ۋەكىلى تىن لىن ب د ت مۇساپىرلار ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە قارشى چققان. ئۇ «باشقىلارنى نىشانغا ئېلىش ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ. بىزنى ھېچ يەرگە ئېلىپ بارمايدۇ» دېگەن.

بېرما ھۆكۈمىتى روخېڭيالىق مۇسۇلمانلارنىڭ بېرما ۋەتەنداشلىقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ ئۇلارنى بېنگاللىق كۆچمەنلەر، دەپ قاراپ كەلگەن. بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ۋە رادىكال بۇددىستلارنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتى روخېڭيالىق مۇسۇلمانلارنى چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇرلاپ، يېقىندا كۆچمەنلەر كرىزىسىنى پەيدا قىلغان ئىدى.