خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن ئېغىر دەپسەندە قىلىشىغا قارىتا مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئىزچىل ئىنكاسسىز تۇرۇۋېلىشى، ھەتتا خىتايغا بۇ جەھەتتە ھەمدەمدە بولۇشى خەلقئارانىڭ ئىزچىل ئەيىبلەش تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە. يېقىندا «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دىمۇ مۇشۇ تېما ھەققىدە بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى.
«خىتاي دۇنيانىڭ مۇسۇلمانلار سولانغان لاگېرلارغا سۈكۈت قىلىشنى خالايدۇ ھەم بۇ جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋەر «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 25-سېنتەبىردىكى سانىغا بېسىلغان. ماقالىدە تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتى يىپ ئۇچى قىلىنىش ئارقىلىق دۇنيادىكى باشقا ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا «يانتاياق» بولۇشى قاتتىق تەنقىدلەنگەن.
بۇ يىل ئىيۇلدا ب د ت تىكى 25 دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى باستۇرۇشلىرىغا قارىتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئىمزالىق خەت ئەۋەتكەن ئىدى. نەتىجىدە خىتاي دائىرىلىرىمۇ ئۆزىگە ئەڭ يېقىن، مۇسۇلمانلار كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن 50 دىن ئارتۇق دۆلەتنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان ئىدى.
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دىكى خەۋەردىمۇ بېيجىڭ دائىرىلىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئوچۇق ئاشكارا قوللىغان يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىك ۋە باشقا جەھەتلەردىن ھەمدەمدە بولۇشى نەتىجىسىدە خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر غەرب ئەللىرىدىن بۇ ھەقتە ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەيىبلەشلەرنى ئوڭۇشلۇق يېڭىپ كەلگەنلىكى ئېيتىپ ئۆتۈلگەن.
مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك سۈكۈتلىرىگە دۇنيا جامائىتى كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرۈۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە يەنىلا ئاۋازسىز تۇرۇۋېلىشى دىققەت قوزغىماقتا.