15-ئىيۇل سەھەردە تۈركىيەگە قايتىش سەپىرىدە، بېيجىڭ ئايرودرومىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، 79 كۈندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم مېھمانخانىغا سولىنىپ سوراق قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى مۇتەللىپ ئىمىن، 5-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر بىز تورىدا 3-پارچە ئوچۇق خېتىنى ئېلان قىلدى.
مۇتەللىپ ئىمىن خېتىدە ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە خوتەندىكى ئائىلىسىدە داۋاملىق نەزەربەندتە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتايدا ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
مۇتەللىپ ئىمىن ئۆزىنىڭ 79 كۈنلۈك تۇتقۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئائىلىسىدە نەزەربەندتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ پاسپورتى ۋە كىملىكىنى تارتىۋالغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەگە قايتىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى بايان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلغاندىن باشقا، ئۆزىنىڭ بۇ خەتنى يېزىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ «مەن بۇ ئوچۇق خەتنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق پەقەتلا ئۆزۈمنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن كىشىلىك ھوقۇقۇمنى قوغداشنىلا مەقسەت قىلمىدىم، بەلكى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلەرنى چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار توپىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرماقچىمەن. چۈنكى نۆۋەتتە، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يۇرتىغا قايتىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، ئەمما دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرىنىڭ سوراق قىلىشىغا دۇچ كېلىدىغان قىسمەتتىن قورققىنى ئۈچۈن يۇرتىغا قايتالمايۋاتىدۇ» دېگەن جۈمىلىلەرنى يازغان.