پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ شتاب باشلىقى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنى باستۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.08.03

پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ باش شتاب باشلىقى گېنېرال راھىل شەرىف چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدا بىر كۈن زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىگە قارىتىلغان باستۇرۇشنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەرگەن.

ھىندىستاندىن چىقىدىغان «ھىندىستان ئېكسپرەس» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەرىف زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر رايونى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن ۋە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ باش شتاب باشلىقى فاڭ فېڭخۇي بىلەن كۆرۈشكەن.

خەۋەردە پاكىستان مۇشتەرەك ئىستىخبارات ئىدارىسى ئاخبارات ئىشخانىسى بۇ ھەقتە تارقاتقان باياناتتىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، سۆھبەت جەريانىدا بۇ ئىككى گېنېرال ئىككى تەرەپ ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى، ئىككى تەرەپ خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارنى سۆزلەشكەن.

گېنېرال شەرىف خىتاي گېنېرالى فاڭغا ئەلقائىدە تەشكىلاتىغا چېتىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى قاتتىق باستۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

پاكىستان خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك شېرىكلىرىدىن بىرى. ئۇلار ئۆز مۇناسىۋەتلىرىنى «ھەسەلدىنمۇ شېرىن» ۋە «پولاتتىنمۇ مۇستەھكەم» دەپ تەرىپلەپ كەلمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى پاكىستانغا 46 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ۋە بۇنىڭ قەشقەرنى پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىغا تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش ۋە نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.

ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پاكىستاننىڭ قەبىلە رايونى ۋەزىرىستاندا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ پاكىستاندىن بۇ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

2015- يىلى سېنتەبىردە خىتايدا زىيارەتتە بولغان پاكىستان پرېزىدېنتنى مەمنۇن ھۈسەيىن خىتاي پرېزىدېنتنى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە قەبىلە رايونىدىكى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ «تامامەن دېگۈدەك يوقىتىلغانلىقى» نى ئېيتقان ئىدى.
نۆۋەتتە پاكىستاندا رايونىدا يەنە قانچىلىك ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.