پاكىستان باش مىنىستىرى: «خىتاينىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى ھەققانىي مەيدانىنى قوللايمىز»
2023.10.23
مۇۋەققەت پاكىستان باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئۇل ھەق كاكار (Anwar Ul Haq Kakar)، 20-ئۆكتەبىر ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان ھەمدە جۈمە نامىزىنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، كاكارنىڭ ما شىڭرۇي بىلەن كۆرۈشكەندە «خىتاينىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى ھەققانىي مەيدانىنى قوللايدىغانلىقى»، شۇنداقلا «تېررورلۇققا خىتاي بىلەن ئورتاق زەربە بېرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
پاكىستاننىڭ مۇۋەققەت باش مىنىستىرى كاكار، شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭدا چاقىرغان 3-نۆۋەتلىك «بىر بەلۋاغ بىر يول» يىغىنىغا قاتنىشىپ ئارقىدىنلا ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان ئىككىنچى چەتئەل رەھبىرىدۇر. ئۆتكەن ھەپتە ئوخشاش بىر ۋاقىتتا قازاقىستان پرېزىدېنتى توقايېفمۇ ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇپ، ما شىڭرۇي ۋە ئەركىن تۇنىيازلار بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. ھالبۇكى، بۇ ئىككى دۆلەت، ئۆتكەن ھەپتە غەرب ئەللىرىنى ئاساس قىلغان 51 دۆلەت ب د ت دا ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىن، خىتاينى قوللاپ بايانات ئېلان 72 دۆلەتنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ما شىڭرۇي پاكىستان باش مىنىستىرى بىلەن بولغان كۆرۈشۈشتە «بىز ئىككى دۆلەت رەھبىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىللىق بىلەن يولغا قويىمىز، بۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى مۇنبىرىنىڭ نەتىجىسىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ قوللىشىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ سەككىز خىل ھەرىكەت تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز» دېگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە يەنە كاكارنىڭ «پاكىستان خىتاينىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى قانۇنلۇق مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ ھەمدە شىنجاڭ بىلەن ھەر ساھەدە ئالاقە، ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
كۆرۈشۈشتە پاكىستان باش مىنىستىرى كاكار يەنە مۇنداق دېگەنلىكى قەيت قىلىنغان: «پاكىستان خىتاي يۈرگۈزگەن تۈرلۈك سىياسەتلەرنى قەدىرلەيدۇ. خىتاينىڭ ياخشى باشقۇرۇشىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاكتىپ تونۇشتۇرۇشنى خالايدۇ. تېررورلۇق ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، پاكىستان خىتاي بىلەن بىر سەپتە چىڭ تۇرۇپ، ئاشقۇنلۇققا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، زوراۋانلىققا ۋە تېررورلۇققا ئورتاق زەربە بېرىدۇ».
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، كاكارنىڭ ئىشخانىسى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا، رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. باياناتتا پەقەت كاكارنىڭ «شىنجاڭنىڭ خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ چېگراسى بولۇش سۈپىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەنلىكى» تەكىتلەنگەن.