پاراگۋاي خىتاينىڭ ئالاھىدە دىپلوماتىيە ئەلچىسىنى قوغلاپ چىقارغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.12.06

پاراگۋاي ھۆكۈمىتى، پەيشەنبە كۈنى پارلامېنت ئەزالىرىغا پاراگۋاينىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئويلىنىشقا تەۋسىيە قىلغاندىن كېيىن بىر خىتاي دىپلوماتنىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلغان ۋە ئۇنى پاراگۋايدىن 24 سائەت ئىچىدە ئايرىلىشقا بۇيرۇغان.

«رويتېرس ئاگېنتلىقى» (Reuters) نىڭ 12-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ لاتىن ئامېرىكاسىدىكى ئالاھىدە دىپلوماتىيە ئەلچىسى شۈ ۋېي پاراگۋاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، پاراگۋاينىڭ تەيۋەننى ئەمەس، خىتاينى ئېتىراپ قىلىشىنى تەۋسىيە قىلغان. شۇ ۋىي (Xu Wei) خىتايغا ھېسداشلىق قىلىدىغان پاراگۋاينىڭ ئىككى نەپەر ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېگەن: «خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتسىڭىز، تېخىمۇ كۆپ پايدا ئالالايسىز، تېخىمۇ كۆپ ئىقتىساد تېجەپ قالالايسىز، چىقىمىڭىزنى تۆۋەنلىتەلەيسىز».

پاراگۋاي تەيۋەن بىلەن رەسمىي مۇناسىۋىتى بار بىردىنبىر جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى بولۇپ، ئۇ، ئۇزۇندىن بۇيان تەيۋەننى رەسمىي ئېتىراپ قىلىپ دىپلوماتىك جەھەتلەردە قوللاپ كەلمەكتە. لېكىن ئۇ خىتاي بىلەن ئىزچىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمىغان.

پاراگۋاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەمۇرى ۋە تېخنىكا ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇئان باياردى (Juan Baiardi) مۇنداق دېگەن: «بۇ ئەپەندى (خىتاي دىپلومات) نىڭ باشقا غەرىزى، يەنى باشقا كۈن تەرتىپى بار؛ ئۇ مۇۋاپىق بولمىغان ئىچكى سىياسەتنى قىلىشقا كەلدى».

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، پاراگۋاي خىتاي دىپلوماتى شۈ ۋېينىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى ئۆزىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش دەپ ھېسابلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.