پارىژدا مارافون مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.04.03

فرانسىيە پايتەختى پارىژدا يەكشەنبە كۈنى دۇنيا مارافون مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. 160 دۆلەتنىڭ ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش ماھىرلىرى مۇسابىقىگە قاتناشتى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق مارافون مۇسابىقىسى ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا پارىژدا تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە يېقىندا بريۇلسېلدا پارتلاش يۈز بەرگەن ۋەزىيەتتە ئۆتكۈزۈلگەن بولغاچقا فرانسىيە ئامانلىق دائىرىلىرى زور ساندا ساقچى ۋە ئامانلىق قوغداش خادىملىرىنى ئاجرىتىپ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قوللانغان.

بۇ يىلقى مۇسابىقىگە 46 مىڭ ئادەم قاتناشقانلىقى مەلۇم.

مۇسابىقە نەتىجىسىدە كېنىيىلىك ئۇزۇنغا يۈگرەش ماھىرى كوتۇت پارىژ مارافون مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان.

ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان پارىژ مارافون مۇسابىقىسى 1991 - يىلى، بىر قېتىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ئىزچىل داۋاملاشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.