ئامېرىكانىڭ ياردەمچى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مارىيە رويس ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى قازاقىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر، قازاق لاگېر شاھىتلىرىنى، تۇتۇلغان ۋە غايىپ بولغان تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئامېرىكانىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ 27-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، مارىيە رويس شاھىتلار ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتقان. ئۇ بۇلارنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خورلاش سىياسىتىنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى ئېچىپ بەرگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ خىل خورلاش سىياسىتىنى توختىتىشى ئۈچۈن خەلقارا بېسىم شەكىللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ شاھىتلار ۋە ئائىلە ئەزالىرىغا مۇنداق دىگەن: «بىز سىلەر تەرەپتە تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى خورلاشنى دەرھال توختىتىشقا، ئۇلارنى شىنجاڭدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشى ۋە ئۆز مەدەنىيىتىنى قەدىرلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز. مەن سىلەرنىڭ كەچمىشىڭلارنى ئاڭلاپ شەرەپلەندىم. مەن ئۇنى ئۆزۈم بىلەن ئېلىپ يۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئورتاقلىشىمەن.»
قازاقىستاندىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ خەۋىرىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ «مەجبۇرىي نۇپۇس كونترول قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، لاگېرلارغا خالىغانچە قاماش، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش، ئائىلىلەرنى ئايرىۋېتىش، دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئىپادىلىرىنى باستۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ قازاقىستان زىيارىتىدە 2-قېتىم لاگېر شاھىتلىرىنى ۋە تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى قوبۇل قىلىشىدۇر. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو بۇ يىل 2-ئايدا قازاقىستاننى زىيارەت قىلغاندىمۇ ئۇلارنى قوبۇل قىلغان ئىدى.