ئۇيغۇر رايونىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان قازاق پۇقرالىرىنىڭ بىر مەزگىل خىتاي جازا لاگېرلىرىغا قارشى تۇرۇش بىلەن تونۇلغان «ئاتا يۇرت» ناملىق ئاممىۋى تەشكىلاتى، قازاقىستاندا سىياسىي پارتىيەلىشىش يولىغا ماڭغان. مەركىزى پىراگادىكى «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ 25-دېكابىر بەرگەن خەۋىرىدە، بەگزات مەقسۇتخان ئولىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى بۇ تەشكىلاتنىڭ «ھەقىقىي ئاتا يۇرت» دېگەن نامدا سىياسىي پارتىيە قۇرۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغانلىقى، بىراق قازاقىستان ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ئىلتىماسىنى رەت قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، سىياسىي پارتىيە قۇرۇش ئىلتىماسىغا 700 دەك كىشى ئىمزا قويغان بولۇپ، ئىمزا قويغۇچىلار ۋىدىيو ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن ئىمزا قويغانلىقىنى قەيت قىلىشقان بولسىمۇ، ئەمما ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇ يىل كۈزدە ئىمزا قويغان 700 كىشىدىن بەزىلىرىنىڭ باشقا پارتىيەلەرگە ئەزا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،«ھەقىقىي ئاتا يۇرت» نىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلغان.
بەگزات مەقسۇتخان ئۇلى «ئازادلىق رادىيوسى» غا قىلغان سۆزىدە، پارتىيە قۇرۇش ئىلتىماسىدىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ ئىمزاسىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەققىدە ھەر خىل بېسىم ۋە قورقۇتۇشلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىمزا قويغۇچىلاردىن ئاقموللا ۋىلايىتىدە ئولتۇرۇشلۇق كاپار ئاخەت فېيسبۇكتا «ئاتا يۇرتقا قاتنىشىڭلار» دەپ ئېلان چىقارغانلىقى ئۈچۈن 4000 دوللار جەرىمانە قويۇلغان. خەۋەردە، ساقچىلارنىڭ كاپار ئاخەتنى تىزىمغا ئالدۇرمىغان بىر پارتىيەگە ئەزا بولۇش تەشۋىقاتى قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. لېكىن بەگزات مەقسۇتخان ئولى پارتىيە ئەزالىرى قايتا ئىلتىماس قىلىشنى ئويلاشسىمۇ، لېكىن پۇل مەسىلىسىنىڭ يەنە بىر قىيىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بەگزات مەقسۇتخان ئولىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ پارتىيەسى «مىللەتچى، لېكىن ياخشى مىللەتچى پارتىيە» بولىدىكەن. خەۋەردە ئۇنىڭ «بىز قازاقىستاندىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئاساسىي قانۇن ھوقۇقىنى قوغدايمىز، بىز ئۇلارنىڭ باراۋەرلىكنى ئېتىراپ قىلىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قوغدايمىز» دېگەنلىكى تەكىتلەنگەن. لېكىن «ھەقىقىي ئاتا يۇرت» پارتىيەگە ئايلانسا، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن قازاقلاردىكى كۈچلۈك ئېتنىك مىللەتچىلىك بىلەن «باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاساسى قانۇنلۇق ھەقلىرىنى قوغداش» ئارىسىدا نازۇك تاللاشقا دۇچ كېلىشى قەيت قىلىنماقتا.