خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر رايونىدىكى قەبرىلەرنى كۆچۈرۈپ كېتىشنى بۇيرۇق قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.05.17

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قەبرىلەرنى چېقىش ۋە كۆچۈرۈش ھەرىكىتى پۈتكۈل ئاپتونوم رايون مىقياسىنى قاپلىماقتا.

يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ قەبرە كۆچۈرۈش ئىشخانىسى رەسمىي ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، قەبرە ئىگىلىرىنىڭ شىمالى ۋوگزال رايونىغا جايلاشقان فېڭتيەن قەبرىستانلىقىدىكى قەبرىلەرنى كۆچۈرۈپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇقتۇرۇشتا، قەبرىستانلىقنىڭ قەيەرگە كۆچۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان، ئەمما قەبرىلەرنىڭ 15‏-يۇندىن باشلاپ كۆچۈرۈلىشكە باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، ئۇقتۇرۇشتا، قەبرىستانلىقنىڭ نېمە ئۈچۈن كۆچۈرۈلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئورنىغا قانداق قۇرۇلۇش سېلىنىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلمىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى 2‏-ئايدىن باشلاپ، ئۇيغۇر، قازاق ۋە رايوندىكى باشقا مۇسۇلمان تۈركى خەلقلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قاماش بىلەن بىرگە، ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت ساھەسىدە ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىغان. بۇ ھەرىكەت مۇسۇلمان قەبرىستانلىقلىرىنى يۆتكەش، قەبرىلەردىكى گۈمبەز، ئاي-يۇلتۇز ۋە ئايەتلەرنى چېقىپ تاشلاپ، قەبرىلەرنىڭ ئىسلامى خاسلىقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ۋە ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ بىر قىسمى، دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى.

ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، قەبرە ئىگىلىرى 15‏-ئىيۇندىن بۇرۇن قەبرە كۆچۈرۈش ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، قەبرە كۆچۈرۈشكە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر قەبرە ئىگىلىرى 15‏-ئىيۇندىن بۇرۇن رەسمىيەت بېجىرمىگەن قەبرىلەر ئىگىسىز قەبرە سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن. ئۇقتۇرۇشتا، مەزكۇر قەبرە كۆچۈرۈش پىلانى ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بىر تۇتۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى، شۇنداقلا «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

يېقىندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوتەندىكى ئىمام ئاسىم ۋە ئىمام جەفەرى سادىق مازارلىرىنى چېقىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.