خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قوزغىغان «قىزىل ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى» ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەڭ چوڭ بىلىم يۇرتى بولغان «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» غا كېڭەيگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا «تارىخ مۇزېيى» قۇرۇلۇپ، بۇ ئورۇن خىتاينىڭ رايوندىكى ئەڭ مۇھىم «قىزىل ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى» مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
بۇ مۇزېي شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1952-يىلى سېلىنغان ئاتالمىش «ئازادلىق» بىناسىنىڭ ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، «ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللار» قويۇلغان بۇ مۇزېي «قايناپ تۇرغان قىزىل مەدەنىيەت مۇھىتىغا ئىگە» ئىكەن.
لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ مۇزېي ۋە ئۇنىڭدىكى «قىزىل ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى» گە ئائىت ماتېرىيال ۋە بۇيۇملار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى چوڭ تۇتقۇن بىلەن تەڭ باشلىغان، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئومۇمى يۈزلۈك خىتاي تارىخىي ۋە مەدەنىيىتىنى دەسسىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئىزلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆچۈرۈپ تاشلاش پىلانىغا خىزمەت قىلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى چوڭ تۇتقۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ بارلىققا كېلىشى، راۋاجلىنىشى، زامانىۋى ئىلىم-پەن ۋە ئەدەبىي تىلى شەكىللىنىشى ھەم پەن تەتقىقاتىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە ئۇل ئەسلىھەلىك رولىنى ئوينىغان بۇ مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر پروفېسسورلىرىنى، مەسئۇللىرىنى تۇتقۇن قىلغانىدى.
«تەڭرى تاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تارىخ مۇزېيى ئالتە كۆرگەزمە زالىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بۇلار «ئالتۇن يىللار»، «قىزىل مىراس»، «ئورۇننى چىڭ تۇتۇش» دېگەن تېمىلارغا بۆلۈنگەن شۇنداقلا مەخسۇس بىر «مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى خىتاي مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى» بار ئىكەن.