رابىيە قادىر خانىم ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرە پائالىيىتى ئۈچۈن گېرمانىيەگە يولغا چىقتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بۈگۈن ۋاشىنگتوندىن ميۇنخېنغا قاراپ يولغا چىقتى.

رابىيە خانىمغا سەپەردە ھەمراھ بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرە پائالىيىتىدىن كېيىن، قۇرۇلتاينىڭ سابىق رەئىسى، تونۇلغان دىپلومات ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 70 ياشقا تولغانلىقىنى تەبرىكلەپ مەخسۇس زىياپەت بېرىدۇ.

رابىيە خانىم ميۇنخېندىكى بۇ ئىككى پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، گېرمانىيەنىڭ كولىن شەھىرىدە تۈركلەرنىڭ«مىللىي كۆرۈش» تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان 25-نۆۋەتلىك ئايال پائالىيەتچىلەر يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ۋە يىغىندا ئۈچىنچى نۆۋەتتە نۇتۇق سۆزلەيدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ يىل ئىچىدىكى 7 ‏-قېتىملىق ياۋروپا سەپىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى نورۋېگىيەدۇر. رابىيە خانىم نورۋېگىيەدە رافتو مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ ئۇچرىشىش پائالىيىتىگە قېتىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە ئاھالىلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل رابىيە خانىم ئۈچۈن خەلقئارالىق پائالىيەتلەر زىچ ۋە جانلىق بىر يىل بولغان.