يەكشەنبە كۈنى، چۈشتە رۇسىيىنىڭ ۋولگاگراد شەھىرىدىكى پويىز ئىستانسىسىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش خاراكتېرلىك پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 16 ئادەم ئۆلدى ۋە 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى بولۇپ، ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئەر بولۇش ئېھتىماللىقى زور. بىراق رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېزىشىچە، تەكشۈرگۈچى خادىملار بۇ ۋەقەنى بىر داغىستانلىق ئايالنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن.
« نېۋسرۇ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئايالنىڭ كىملىكى بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئوكسانا ئاسلانوۋا ئىكەن. ئۇنىڭ دوستىنىڭ ئىسمى نايىدا ئاسىيالوۋا بولۇپ، ئۇ بۇ يىل ۋولگاگراد شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسى بىلەن گۇمانلىنىپ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان.
ۋولگاگراد ئوبلاستى 1-3-يانۋار كۈنلىرى پۈتۈن ئوبلاست بويىچە ماتەم پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈشنى بېكىتكەن. پرېزىدېنت پۇتىن ۋولگاگرادتىكى ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلىسى ۋە يارىدار بولغانلارغا ياردەم بېرىش بۇيرۇقى چىقارغان.
ۋولگاگراد ئوبلاستى بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن مەزكۇر ئوبلاست تەۋەسىدە تېررورلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ۋولگاگرادنىڭ ئەلسى ئىسمى ستالىنگراد بولۇپ، 1943-يىلى سوۋېت خەلقى گىتلېر ئارمىيىسىنى بۇ شەھەردە مەغلۇپ قىلىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن ئىدى.