رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ۋولگاگراد شەھىرىدە 29-دېكابىر ۋە 30-دېكابىر كۈنلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بەردى.
رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 30-دېكابىردىكى خەۋىرىدە، رۇسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋولگاگراد شەھىرىدە 12-ئاينىڭ 30-كۈنى ئەتىگەندە، ترامۋايدا پارتلاش يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 14 ئادەم ئۆلگەن، 20 ئادەم يارىدار بولغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ھەر ئىككى قېتىمقى پارتلاشتا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش خاراكتېرىدىكى بومبا ئىشلىتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئەمما 30-دېكابىرغىچە تېخى بىرەر تەشكىلات بۇ قېتىمقى پارتلاشقا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىدى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، بۇ ئىككى قېتىملىق پارتلاشنىڭ 2014-يىلى 7-فېۋرال كۈنى رۇسىيىدە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان قىشلىق ئولىمپىك يىغىنى ھارپىسىدا يۈز بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىندى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى توماس باج 30-دېكابىر رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىنغا خەت يېزىپ ئىككى قېتىملىق پارتلاشتا ئۆلگەنلەرگە تەزىيە بىلدۈرگەندىن باشقا يەنە،2014-يىللىق قىشلىق ئولىپىك مۇسابىقىسىنىڭ رۇسىيىدە بىخەتەر ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئىشەنچى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيىنىڭ ۋولگاگراد شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بانكىمون ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەر باشلىقلىرى ۋەقەدە قازا قىلغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈردى.