رۇسىيە خىتاينىڭ «ئۈندىدار» تورىنى رۇسىيەدە ئىشلىتىشنى چەكلىدى
2017.05.07
رۇسىيە دائىرىلىرى خىتاينىڭ ئۈندىدار ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنى رۇسىيەدە ئىشلىتىشنى چەكلىگەن. رۇسىيەنىڭ «ئۇترو.رۇ» قاتارلىق تور سەھىپىلىرىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە ئۇچۇر-ئالاقە نازارەت ئىدارىسى 5-ماي كۈنى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۈندىدارنىڭ رۇسىيەدە بىردەك ھالدا 4-ماي كۈنىدىن ئېتىبارەن تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بىر قانچە كۈندىن بۇيان رۇسىيەدىكى بىر قانچە ئۈندىدار تور ئالاقىسى تەمىنلەيدىغان تورلار ئىشتىن توختىغاندىن سىرت يەنە يانفونلارغا قاچىلانغان ئۈندىدار سۆز قالدۇرۇش ۋە سۆز ئەۋەتىش ۋاسىتىلىرىمۇ تاقالغان.
ھازىرچە رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۈندىدار تورىنى ئىشلىتىشنى چەكلىشىنىڭ كونكرېت سەۋەبى ئېنىق ئەمەس بولسىمۇ،ئەمما بۇ ھەقتە ھەر خىل قىياسلار مەۋجۇت.
رۇسىيەنىڭ ئۈندىدار تورىنى چەكلىشى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ كېلەر ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشى ھەمدە «بىر بەلۋاغ، بىر يول» يىغىنىغا قاتنىشىشى ئالدىغا توغرا كەلگەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيە «Line»، «blackberry»، «imo» قاتارلىق ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى رۇسىيەدە قوللىنىشنى چەكلىگەن ئىدى.