قىزىلسۇ ئوبلاستى 164 نەپەر چېگرا ۋە تاموژنا ساقچىسى قوبۇل قىلىدىكەن

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ چەتئەللەر بىلەن بىۋاسىتە چېگرالىنىدىغان ۋىلايەت-ئوبلاستلىرى تاموژنا ۋە چېگرا ئىشلىرى بويىچە كەڭ كۆلەمدە ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرى چىقارماقتا.

قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 11-يانۋار كۈنى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئوبلاست تەۋەلىكىدىكى چېگرا ئېغىزلىرى ۋە تاموژنا ئورۇنلىرى ئۈچۈن 164 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلاردىن 100 نەپىرى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسىگە، قالغان 64 نەپىرى تورغات چېگرا ئېغىزىغا قوبۇل قىلىنىدىكەن.

ئۇقتۇرۇشتا ئەسكەرلىككە بېرىپ قايتىپ كەلگەنلەر ياكى ساقچى مەكتىپىنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئالدىن ئويلىشىلىدىغانلىقى، نامزاتلارنىڭ ئارخىپىدا «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» ياكى «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە چېتىلىدىغان ھەرقانداق جىنايەت تارىخىنىڭ بولماسلىقى تەلەپ قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئافغانىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرالىنىدىغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە تاموژنا ئىشلىرى بويىچە مەزكۇر ئوبلاستقا زور سوممىلىق ئىقتىسادىي سېلىنما سالماقتىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ساقچى، ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا خادىملارنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىش ئىشىمۇ ئەڭ دەسلەپ قىزىلسۇ ئوبلاستىدا باشلانغانلىقى مەلۇم.

ئالدىنقى يىللىرى ئىلى، بورتالا قاتارلىق چەتئەللەر بىلەن چېگرالىنىدىغان ئوبلاستلارمۇ چېگرا ئېغىزلىرى ئۈچۈن زور ساندا ساقچى قوبۇل قىلغان. بورتالا ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلى يانۋاردا بورتالا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى بىر قېتىمدىلا 1000 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر دىيارىدىكى چېگرا ئېغىزلىرى ۋە تاموژنىلارغا بۇ قەدەر كۆپ ساقچىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى خىتاينىڭ «بىر يول، بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا.