شۋېتسارىيەنىڭ خىتاي بىلەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شۋېتسارىيەگە كېلىپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى سوراق قىلىشىغا يول قويۇش توغرىئىسىدىكى بىر كېلىشىم ھەققىدە سۆزلىشىۋاتقانلىقى ئەندىشە قوزغىدى. شۋېتسارىيە كۆچمەنلەر سېكرىتارىياتىنىڭ باياناتچىسى دەنىيال باخ 26-ئاۋغۇست» كېيستون-سدا خەۋەر ئاگېنتلىقى «غا قىلغان سۆزىدە بۇ كېلىشىمنى دەلىللەپ، بۇنداق ئىشنىڭ ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئومۇملاشقانلىقى، سۋېتسارىيەنىڭ 60 دەك دۆلەت بىلەن بۇنداق كېلىشىمى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
شۋېتسارىيەنىڭ خىتاي بىلەن بۇ كېلىشىم ھەققىدە سۆزلىشىۋاتقانلىقى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، شۋېتسارىيەگە بېرىپ پاناھلىق تىلەيدىغان ئۇيغۇر كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ شۋېتسارىيەدىن پاناھلىق تىلەشنى ئويلايدىغان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن يوشۇرۇن خەۋپ ئىكەن.
شۋېتسارىيەدىكى» NZZ am Sonntag «گېزىتى ئۆتكەن ھەپتە شۋېتسارىيەنىڭ خىتاي بىلەن 2015-يىلى ئىمزالانغان كېلىشىمنى يېڭىلاش ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر گېزىتنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، يېڭى كېلىشىمدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شۋېتسارىيەگە كېلىپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى جۈملىدىن سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان ۋە رەسمىيەتسىز كىشىلەرنى سوراق قىلىشىغا يول قويۇلغانىكەن.
دەنىيال باخ، بۇ كېلىشىمدە خىتاي دائىرىلىرىگە شۋېتسارىيەدە 14 كۈن تۇرۇش ۋىزىسى بېرىلىپ، ئۇلارنى تۇرۇشلۇق جاي بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ شۋېتسارىيە خىتايغا قايتۇرالمايۋاتقان قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.