شىۋېتسارىيە خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ «قاينايدىغان ماكانى» غا ئايلىنىپ قالغان
2023.06.29
«ئەل-جەزىرە» نىڭ 27-ئىيۇندىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، شىۋېتسارىيە فېدېراتسىيە ئىستىخبارات مۇلازىمىتى (FIS) يېقىندا «ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۆلىتىمىز خىتاي ۋە رۇسىيە جاسۇسلىرى قاينايدىغان ماكانغا ئايلىنىپ قالدى» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئەۋەتكەن جاسۇسلارنىڭ بىر قىسمى دىپلوماتىيە تونىغا ئۇرۇنۇۋالغان ھالدا ئىش بېجىرىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەچچە ئونلىغان جاسۇسى شىۋېتسارىيەدە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قوماندانلىقىدا بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ كۆپ قىسمى دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى سىرتىدا، بولۇپمۇ ئىلىم-پەن، ئاخباراتچىلىق ۋە سودا ساھەسىدە پائالىيەت قىلىدىكەن. شىۋېتسارىيە فېدېراتسىيە ئىستىخبارات مۇلازىمىتىنىڭ مەسئۇلى كرىستىيان دۇسسېي (Christian Dussey) بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «ھازىر خىتاينىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى بەك ئەدەپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا ئاجراتقان خىراجىتىمۇ يىلدىن يىلغا ئېشىۋاتىدۇ. بىز ئۇلارغا قارىتا ‹ئۆتۈشكە بولمايدىغان سىزىق› نى ئەڭ زور دەرىجىدە كۆرسىتىپ بېرىۋاتىمىز» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەردە يوشۇرۇن ساقچى پونكىتلىرى قۇرۇپ چىققانلىقى يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ مەلۇم بولماقتا. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىممۇ بۇ ئەھۋالنى كەسكىن رەت قىلغان. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 26-ئىيۇن كۈنى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «شىۋېتسارىيەنىڭ بۇ ھەقتە ئېيتقانلىرى پۈتۈنلەي ئاساسسىز تۆھمەت» دېگەن.