BBC نىڭ «شىنجاڭ شوخلىسى» ھەققىدىكى خەۋىرى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا قاتتىق ئىنكاس قوزغىدى

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى (BBC) نىڭ 1-نويابىر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق «شىنجاڭ شوخلا (پەمىدۇر) قىياملىرى» غا ئىتالىيە ماركىسى چاپلىنىپ ئەنگلىيە بازىرىدا سېتىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىشى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا قاتتىق ئىنكاس قوزغىغان.

ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ساراھ چامپيون (Sarah Champion) 3-دېكابىر پارلامېنتتا سۆز قىلىپ، ئەنگلىيە مال تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكى»، ئەنگلىيەنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇن چىقىرىپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى چەكلىشى بىر تەقەززاغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ساراھ چامپيوننىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت قانۇنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەنگلىيە بازىرىغا كىرىشىنى توسۇشتا يىتەرسىز بولماقتا ئىكەن. ساراھ چامپيون كىشىلىك ھوقۇق نازارىتىنىڭ ئەنگلىيە شىركەتلىرى ئۈچۈن بىر تاللاش بولۇپ قېلىشى دەل ئەنگلىيە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى بىلەن توشۇپ كېتىشى» نى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېيتقان.

BBC نىڭ دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇلار 64 خىل شوخلا قىيامىنى خىمىيەلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ مەھسۇلاتلاردىن 17 خىل شوخلا قىيامىنىڭ «شىنجاڭ شوخلىسى» دا ياسالغانلىقىنى بايقىغان. دوكلاتتا ئىتالىيە ماركىسى بېسىلغان ياكى ئىتالىيە شوخلا قىيامىدەك كۆرسىتىلگەن بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئىتالىيەگە ئېكسپورت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا يەنە بەزى ئىتالىيە شوخلا قىيامى شىركەتلىرىنىڭ «شىنجاڭ شوخلا قىياملىرى» نى ئىتالىيەدە پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئىتالىيە ماركىسى چاپلاپ ئەنگلىيە، گېرمانىيەدىكى داڭلىق تاللا بازارلىرىدا سېتىشقا چىقارغانلىقى ئېيتىلغان ئىدى.

ساراھ چامپيون سۆزىدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ قۇللار ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىغا قارشى «تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئېلىشى ئۈچۈن يەنە قانداق دەلىللەرنىڭ تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى»، ھەر كۈنى قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سادىر بولۇۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدا بۇنىڭ «دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، BBC نىڭ دوكلاتى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان. خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى 3-دېكابىر تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، BBC نىڭ دوكلاتىنى «خىتايغا ئوچۇق-ئاشكارا تۆھمەت قىلغانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن.