ئامېرىكىدىكى بىر فوندى جەمئىيىتى خىتاينىڭ ئۆكتىچى ۋە ئاتالمىش دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان كىشىلەرنى سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن جازالىماي بۇ خىل جىنايەتلەر بىلەن جازالانغان كىشىلەرنىڭ سانىنى مۈجمەللەشتۈرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ سۆزلەرنى مەركىزى سان فرانسىسكودىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى-«دىئالوگ» فوندى جەمئىيىتى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا «دۆلەتنى پارچىلاش ۋە دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش» قاتارلىق جىنايەت بىلەن جازالانغانلار سانىنى ئۆتكەن يىلى 2007-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن.
مەزكۇر جەمئىيەت ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئانالىزىنى خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى تارقاتقان ساقىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن چىقارغان.
ئانالىزغا قارىغاندا، خىتايدا ئۆتكەن يىلى 830 ئادەم سىياسىيسى جىنايەت بىلەن جازالانغان بولۇپ، بۇ 2012-يىلىدىكىدىن 21 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى ئۆكتىچى ۋە سىياسىي جىنايەتچىلەرنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئائىت جىنايەت تۈرلىرى بىلەن جازالىماي، «جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش»، «قانۇنسىز توپلىشىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن جازاغا تارتقان.
«دىئالوگ» فوندى جەمئىيىتى 10-فېۋرالدىكى دوكلاتىدا، 2013-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە 300 كىشىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.