خىتاينىڭ سودا جىنايىتىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئامېرىكا ئىشچىلىرىنىڭ ھوقۇقنى قوغداش قانۇن لايىھىسى ماقۇللاندى
2024.12.09
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئەشلى ھىنسون (Ashley Hinson) تونۇشتۇرغان «ئامېرىكا سانائىتى ۋە ئەمگىكىنى خەلقئارا سودا جىنايەتلىرىدىن قوغداش قانۇن لايىھەسى» يېقىندا ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللانغان.
بۇ قانۇن ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا سودا جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە جازالاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ تاموژنا بېجى ئەتكەسچىلىكى، مال قاچۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا سودا جىنايەتلىرىدىن ھېساب ئېلىش، شۇنداقلا ئامېرىكا سانائىتى ۋە ئىشچىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش رولىنى ئوينايدىكەن.
«مۇستەقىل خەۋەرلەر ژۇرنىلى» (IBJ) بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەرگە قارىغاندا، ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئەشلى ھىنسۇن بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھىمايىسىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ سودا قانۇنىغا سىستېمىلىق ھالدا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كوممۇنىست خىتاينىڭ سودا جىنايەتلىرى باج ئوغرىلىقى، مال قاچۇرۇش، بازارنى پاخاللاشتۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە ئىشچىلىرىغا قاراتقان سودا ئالدامچىلىقى، ئۇلارنى زاۋۇت تاقاشقا مەجبۇرلاش، ئامېرىكادىكى يېزا-بازار كارخانىلىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئەشلى ھىنسوننىڭ تىلغا ئېلىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى خىتاينىڭ ئاپتوموبىل شىركىتى چىڭداۋ سونسوڭنىڭ سودا ئالدامچىلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ شىركەت ئامېرىكانىڭ بېجىدىن قېچىش ئۈچۈن مالنى باشقا يەردىن يۆتكىگەن؛ ئىللىنويىس شتاتىدىكى بىر شىركەتنىڭ تۆتتىن بىر قىسىم ئىشچىنى قىسقارتىشىغا سەۋەبچى بولغان. چىڭداۋ سونسۇڭغا ئوخشاش كۆپلىگەن خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكانىڭ سودا سىستېمىسىدىكى بەزى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا سانائىتى ۋە ياساش كەسپىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئامېرىكا ئىشچىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان سالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قۇل ئەمگىكىدىن پايدىلىنىۋاتقان ياكى شۇ يولغا مېڭىۋاتقان شىركەتلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.