بۈگۈن شىنخۇا خەۋەرلەر تورى قەشقەر شەھىرىدە چوڭ يەر ئاستى سۇ مەنبەسى بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە تارماقلىرى ئىككى يىلغا يېقىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق قەشقەر شەھىرى ئەتراپىدا يېڭىدىن چوڭ ۋە پەۋقۇلئاددە چوڭ يەر ئاستى سۇ مەنبەسى ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش نىشان رايونىدىن ئىككىنى بايقىغان.
بۇ ئىككى نىشان رايونى بولسا ئۇلۇغئاتا دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپى بىلەن كۈسەن دەرياسىنىڭ شىمال تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئېلىشقا بولىدىغان كۈنلۈك يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 420 مىڭ كۇبمېتىرغا يېتىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلىدىكى شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدىن كېيىن قەشقەر شەھىرىنى ئىككىنچى شېنجېن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ نوپۇسىنى بىر مىليونغا يەتكۈزۈش ۋە قەشقەردە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنى باشلىۋەتكەن ئىدى. قەشقەرگە تېخىمۇ كۆپ كۆچمەن يۆتكەش ۋە زاۋۇت-كارخانا ئېچىشتىن بېشارەت بېرىدىغان بۇ قۇرۇلۇش پىلانى ئېكولوگىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن. ئۇلار، قەشقەردە سۇ مەنبەسىنىڭ ئىنتايىن كەمچىللىكىنى ۋە بىر مو يەرگە توغرا كېلىدىغان ئادەم سانىنىڭ ئەسلىدىلا ئىنتايىن زىچلىقىنى، ئەگەر پىلان يولغا قويۇلغان تەقدىردە بۇنىڭ قەشقەرنىڭ ئېكولوگىيىسىگە قاتتىق بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
ئەمما بۈگۈن شىنخۇانىڭ خەۋىرىدە يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ئەكسىچە، بۇ قېتىم تېپىلغان ئىككى ئورۇندىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى قەشقەر ۋە قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ يېقىنقى ۋە ئۇزاق مەزگىلگىچە بىر مىليون نوپۇس ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىدىن ئۈمىد بار، 2020-يىلىغا بارغاندا 1 مىليون 110 مىڭ نوپۇسنىڭ، 2030-يىلى نوپۇس 1 مىليون 560 مىڭغا يەتكەندە، بۇ ئاھالىلەرنىڭ يەنىلا سۇ ئىستېمال قىلىش ئېھتىياجىنى قامداپ كېتەلەيدۇ، دەپ خەۋەر قىلغان.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سۇ مەنبەسىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، قەشقەرگە تېخىمۇ كۆپ كۆچمەن خىتاي يۆتكەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.