مايك گالىگېر: «شى جىنپىڭ ھەقىقەتەن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تەييارلىقىدا»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.03.08

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ باشلىقى مايك گالىگېر (Mike Gallagher) 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ئامېرىكا «فوكس تېلىۋىزىيەسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان سۆزىدە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ھەقىقەتەن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى، چۈنكى ئۇنىڭ يېقىندا «خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى» نىڭ يىللىق خامچوتىنى بىراقلا ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مايك گالىگېر مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ بولغانلىقىنى، پەيتى كەلگەندە قوراللىق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ بولدى. ئۇ›خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى‹نىڭ خامچوتىنى يەنە ئۆستۈردى. دېمەك، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىنلا ئۇنىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا ئالدىراۋاتقانلىقى ئېنىق».

«فوكس خەۋەرلىرى» تورىدا بېرىلگەن مەلۇماتقا قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشى خىتايغا مەدەت بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى «خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى» نىڭ يىللىق خامچوتىنى 7.2 پىرسەنتكە چىقارغان بولۇپ، 2022-يىلدىكىدىن 16 مىليارد دوللار ئاشۇرغان. خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ھەربىي خامچوتى 230 مىليارد دوللار بولۇپ، 2022-يىلدىكىدىن 16 مىليارد دوللار كۆپەيتكەن ۋە 2013-يىلغا سېلىشتۇرغاندا بىر ھەسسە قاتلىغان. بۇنىڭغا كۆرە، ئامېرىكا خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە سىگنال بەرگەن ھەمدە خىتاينى ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان رۇسىيەگە ياردەم بەرمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

مايك گالىگېر بۇ ھەقتە ئېنىق توختىلىپ: «خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كېچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۇ يەرگە قوشۇن تۇرغۇزۇشى، ھىندى-تىنچ ئوكيان باش شىتابىنىڭ ئۇلارغا ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى تەمىنلىشى شەرت. بىز تېز ھەرىكەت قىلىپ، تەيۋەنگە زومىگەرلىك قىلىۋاتقان كۈچلەرنى تازىلىشىمىز، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تاكتىكا ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەلدىكى مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.