تەيۋەن پىرېزىدېنتى خىتاينىڭ «قوشۇۋېلىش» ىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.10.10

تەيۋەن پىرېزىدېنتى ۋىليام لەي (لەي چىڭدې) بۇ يىلنىڭ بېشىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تەيۋەن خەلقىگە سۆزلىگەن ئەڭ چوڭ ئاممىۋى نۇتقىدا تەيۋەننىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشتەك ئورنىنى قوغدايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

ب ب س (BBC) 10-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋىليام لەي خىتاينىڭ تەيۋەن توغرىسىدىكى تەشەببۇسىنى تىلغا ئېلىپ، «قوشۇۋېلىشقا ۋە تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى ۋەدەمگە قەتئىي ئەمەل قىلىمەن» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ «تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى» نى ساقلاشقا ۋەدە بەرگەن ھەمدە خىتاي بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

كوممۇنىستىك خىتاي دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەپ توققۇز كۈندىن كېيىن، ۋىليام لەي تەيبېيدا ئاممىغا سۆز قىلىپ، تەيۋەننىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىر-بىرىنى باشقۇرمايدۇ. بۇ زېمىندا (تەيۋەندە) دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەيۋەنگە ۋەكىللىك قىلىش ھوقۇقى يوق!»

دۆلەتلىك تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەتشۇناسى لېۋ ناچمان (Lev Nachman) ۋىليام لەينىڭ بۇ نۇتقىنى ئۇنىڭ يېقىنقى نۇتۇقلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇمشاق، دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ۋىليام لەينىڭ بۇ قېتىمقى سۆزلىرى ئۇنىڭ يېقىنقى نۇتۇقلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇمشاق بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا ئۇنىڭدىن باھانە-سەۋەبلەر تاپىدۇ. شۇڭا كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە خىتاينىڭ بۇنىڭغا قارىتا ھەربىي مانېۋىر شەكلىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇش ئېھتىمالى بار».

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋىليام لەينىڭ سۆزىگە جاۋابەن «بۇ سۆزلەر لەي چىڭدېنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدىكى جاھىل مەيدانىنى ئاشكارىلىدى» دېگەن. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ سۆزلىرىنى «سىياسىي مەنپەئەت ئۈچۈن تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيلىكنى كۈچەيتىۋەتتى» دەپ تەنقىد قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.