تارىم نېفىتلىكىدىن ھەر كۈنى 71 مىليون كۇبمېتىر تەبىئىي گاز توشۇلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.01.15


خىتاي دۆلەتلىك نېفىت-تەبىئىي گاز شىركىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تارىم نېفىتلىكىدىن 2017-يىلى، 1-ئاي ئىچىدە، قاتتىق سوغۇق تۈپەيلىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر كۈندە سىرتقا توشۇلىدىغان تەبئىي گاز مىقدارىنى 71 مىليون كۇپمېتىردىن ئاشۇرغان.

شىنخۇا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تارىم نېفىتلىكى شاڭخەي شەھىرىنى مەركەز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقى رايونلىرىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل بولماقتا. تارىم نېفىتلىكى كۆپ يىللاردىن بۇيان غەربنىڭ گازىنى شەرققە توشۇش لايىھىسى بويىچە خىتاينىڭ شەرقى رايونىدىكى 13 ئۆلكە ۋە شەھەرنىڭ 300 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىسىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەۋاتقان بولۇپ، 2016-يىلى تارىم نېفىتلىكى 23.5 مىليارد كۇبمېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارغان، بۇنىڭ ئىچىدە 19 مىليارد 300 مىليون كۇبمېتىر تەبىئىي گاز غەربنىڭ گازىنى شەرققە توشۇش پروگراممىسى بويىچە شەرقىي خىتاي رايونلىرىنى تەمىنلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.

تارىم نېفىتلىكى يەنە يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ ۋە بايىنغولىن قاتارلىق ۋىلايەت ھەم ئوبلاستلارنىمۇ تەبىئىى گاز بىلەن تەمىنلەشكە كىرىشكەن بولۇپ،ئەمما بۇ تارىم نېفىتلىكى ئالغان تەبىئىي گازنىڭ ئاز مىقدارنى ئىگىلەيدۇ. مەسىلەن، ئۆتكەن يىلى ئىشلەپچىقارغان 23.5 مىليارد كۇپ مېتىر تەبىئىي گازنىڭ 3 مىليارد كۇبمېتىرىلا جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىنى تەمى لەشكە ئىشلىتىلىپ، قالغان زور قىسمى پۈتۈنلەي شەرقىي خىتايغا توشۇلغان

يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىغا ئەڭ كەمبەغەل ناھىيىلەر جايلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاست ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كوپ قىسمى نامرات ئاھالىلاردۇر. نۇرغۇن يېزا-قىشلاقلاردىكى نامرات ئۇيغۇر ئاھالىلىرى تېخى تەبىئىي گاز ئىشلىتىشتىن بىخەۋەر ۋە ياكى قۇربى يەتمەي ياشىماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.