خىتاي ھۆكۈمىتى تەكلىماكاندا ئىھاتە ئورمانلىقى بىنا قىلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2025.03.06

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرغان ھەمدە 2025-يىلى تەكلىماكان چۆلىدىكى توپا-چاڭ، قۇملىشىشنىڭ كېڭىيىشى ۋە ئىھاتە ئورمانلىقىنىڭ كەمچىل بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسىنى مۇزاكىرىلەشكەن.

«قەشقەر گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ساپ ھاۋانىڭ مەۋجۇت بولۇشى «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» نىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن بىرى، دەپ قارالغان ھەمدە بۇنى تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن. يىغىندىن ئاۋۋال پەيزىۋات، مارالبېشى ۋە مەكىت ناھىيەلىرىگە چۈشۈپ نەق مەيداندىن ئەھۋال ئىگىلىگەن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي گىرۋەكلىرىدە ئىھاتە ئورمانلىقى بنا قىلىش، تۇپراقنى يېشىللاشتۇرۇش ۋە قۇملىشىشنى ئارقىغا قايتۇرۇشنى بۇنىڭدىكى مۇھىم قەدەملەردىن، دەپ كۆرسەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ بايلىقىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرى ئۈچۈن قالايمىقان ئىشلىتىلىشى، بولۇپمۇ بىڭتۈەن سىستېمىسىنىڭ سۇ بايلىقىنى مونوپول قىلىۋېلىشى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنىڭ قالايمىقان قېزىلىشى ۋە يىللاپ داۋام قىلغان ئاتوم سىناقلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى چۆللىشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرى، دەپ قارىلىپ كەلگەن. ھالبۇكى يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئەڭ زور ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش، شۇنىڭدەك بۇ جايغا مىليونلاپ يېڭى نوپۇسنى كۆچۈرۈپ ماكانلاشتۇرۇش خىزمىتى بۇ جايدىكى مۇھىت بۇزغۇنچىلىقىنىڭ ئېغىر تەسىرى تۈپەيلىدىن تازا «كۆڭۈلدىكىدەك» بولماي كەلگەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى قىسقا فىلىملاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتايلار ئارىسىدا «شىنجاڭدا توپا-چاڭدىن باشقا ھېچنەرسە يوق» دېگەندەك كوچا پاراڭلىرىنىڭ يامرىشىغا سەۋەب بولغان.

شۇ سەۋەبتىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە تەكلىماكان گىرۋىكىدە يېڭىدىن ئىھاتە ئورمانلىقى بىنا قىلىش ۋە توپا-چاڭنى كونترول قىلىش خىزمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە تېخىمۇ كۆپ خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈپ كېلىشكە پايدىلىق بولغان مۇھىت بەرپا قىلىش ئۇرۇنۇشى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.