2009 - يىلىدىكى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەزگىلىدە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھەربىي سىياسىي قوماندانلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى ھاۋا قىسىملىرىنىڭ سابىق سىياسىي كومىسسارى تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىندى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى ئاساسىدا خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ھاۋا قىسىملىرىنىڭ سابىق سىياسىي كومىسسارى گېنېرال پولكوۋنىك تيەن شۇسى «ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» دېگەن نام ئاستىدا دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغان.
گېنېرال پولكوۋنىك تيەن شۇسى 18 يېشىدا ھەربىي خىزمىتىنى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ «شىنجاڭ ھەربىي رايونى»غا قاراشلىق 54 - توپچىلار پولكىدا جەڭچى بولۇشتىن باشلاپ، «جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى»نىڭ سىياسىي كومىسسارىلىق دەرىجىسىگىچە ئۆسكەن ۋە 2005 - يىلىدىن 2009 - يىلى 12 - ئايغىچە، يەنى 2009 - يىلىدىكى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋاقتىدا، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى، سىياسىي كومىسسارى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي ھەيئەت ئەزاسىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرغان ئىدى.
تيەن شۇسى 1985 - يىلى خىتاي بىلەن ۋيېتنام ئارىسىدىكى لاۋشەن ئۇرۇشىغا قاتناشقان.
ئۇ، شۇنىڭدىن كېيىن قەدەممۇ - قەدەم ئۆسۈپ، 2012 - يىلىدىن 2015 - يىلىغىچە، خىتاي ھاۋا ئارمىيىسى پارتكوم سېكرېتارى ۋە سىياسى كومىسسارى بولغان، 2015 - يىلى، 8 - ئايدا ھەربىي سەپتىن ئايرىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان ئىدى.
66 ياشلىق تيەن شۇسى 5 - ئىيۇل كۈنى ھەربىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن ئائىلىسىدىن ئېلىپ كېتىلگەن، ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە خىزمەتچىلىرىمۇ ئېلىپ كېتىلگەن ئىكەن. ئۇ، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ شۈ سەيخو، گۇ بوشۇڭ قاتارلىق ئىككى گېنېرال پولكوۋنىكتىن كېيىن، تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغان ئۈچىنچى گېنېرال پولكوۋنىك ئىكەن.
ئەمما ھازىرچە تيەن شۇسىغا قانداق جىنايەت ئارتىلىدىغانلىقى نامەلۇم.