تىبەتلىكلەر سىچۈەندىكى بىر ئىبادەتخانىدا دالاي لامانىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ دۇئا-تىلاۋەت ئۆتكۈزگەن

سىچۈەننىڭ گەنزى ناھىيىسىنىڭ چوكرى ئىبادەتخانىسىدا توپلانغان 1000دىن ئارتۇق تىبەتلىك بۇددىست، ئامېرىكىدا سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي داھىيسى دالاي لاماغا سالامەتلىك تىلەپ مۇشۇ ئاينىڭ25-ۋە26-كۈنلىرى مەخسۇس دۇئا-تىلاۋەت ئۆتكۈزگەن.

نەق مەيداندىن تارتىلغان سۈرەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار بۇ تىلاۋەتنى ئىبادەتخانا سەھنىسىگە ئېسىلغان دالاي لامانىڭ رەسىمى ئالدىدا ئېلىپ بارغان.

رادىئومىزنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى ئىنگلىزچە خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئادەتتە 13-يانۋاردىن 24‏-يانۋارغىچە تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ يىللىق دۇئا-تىلاۋەت ھەپتىسى بولۇپ، تىبەتلەرنىڭ ھىندىستان دارامسالادىكى تەشكىلاتى نۆۋەتتە دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈلۈۋاتقان دالاي لاماغا سالامەتلىك تىلەش ھەققىدە چاقىرىق چىقارغان ۋە دۇئا-تىلاۋەت ھەپتىسىنى ئىككى كۈن ئۇزارتىشنى تەشەببۇس قىلغان.

بۇ چاقىرىق ۋە تەشەببۇسقا ئاۋاز قوشقان سىچۈەندىكى تىبەتلەر مەزكۇر دۇئا-تىلاۋەت پائالىيىتىنى ئۆتكۈزگەن.

دارامسالادىكى تىبەت پائالىيەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىچۈەندىكى بۇ دۇئا-تىلاۋەت پائالىيىتىگە خىتاي تەرەپ قول تىقىشقا پېتىنالمىغان ۋە ھازىرغىچە بۇ پائالىيەتكە قېتىلغانلارنىڭ جازالانغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق گەپ-سۆز كەلمىگەن.

سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى بۈگۈن بىر بايانات ئېلان قىلىپ، دالاي لامانىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدە ئەندىشىلىنەرلىك بىر ئەھۋال كۆرۈلمىگەنلىكىنى بايان قىلغان.