تىبەتلىك ئايال يازغۇچى ۋوئىسېرنىڭ گېرمانىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئۇنى ۋە ئېرى ۋاڭ لىشىيۇڭ ئەپەندىنى،«خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ تىبەت زىيارىتىگە ھەمكارلاشقان» دېگەن باھانىدا،19 - ئىيۇندىن باشلاپ بېيجىڭدىكى ئۆيىگە نەزەربەنت قىلغان.
گېرمارنىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە دىيىلىشىچە، 19 - ئىيۇن كۈنى ئىككى نەپەر ساقچى ئۇلارنى شەھەرنىڭ غەربى رايونىدىكى پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان جايدىن شەھەرنىڭ شەرقى رايونىدىكى ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئىشىگى ئالدىدا تۇرۇپ ئۇلارنى نازارەت قىلغان. ساقچىلار يەنە بۇ ئىككەيلەننىڭ سىرتقا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
مەلۇم بولىشىچە،بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا،ۋوئىسېر بېيجىڭدىكى ئىككى نەپەر چەتئەل مۇخبىرى ۋە بىر نەپەر چەتەل دېپلوماتىيە خادىمى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇلار خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەشكىللىگەن چەتئەل مۇخبىرلار ئۆمىگىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ،يېقىن ئارىدا تىبەتنى زىيارەت قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئىكەن.
2008 - يىلى تىبەتتە يۈز بەرگەن 11 - مارت تىبەت ۋەقەسى ۋە 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن،خىتاي دائىرىلىرى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە كېلىدىغان چەتەل مۇخبىرلىرىغا قاراتقان نازارەت ۋە چەكلىمىنى كۈچەيتكەن.بۇ جايلارغا كەلگەن چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر قاتتىق تەكشۈرۈلۈش ھەتتا قولغا ئېلىنىپ سوتلىنىش قىسمەتلىرىگە يولۇقماقتا.