ئامېرىكا فېدېراتىپ سوتى تىكتوكنىڭ ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەجەللىك زەربە بەردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.12.06

6-دېكابىر كۈنى، ئامېرىكادىكى فېدېراتىپ سوتچىلار تىك توك شىركىتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىك توك ئەپ دېتالى خىتايدىكى باش شىركىتىدىن ئايرىلىپ چىقمىغان تەقدىردە، ئۇنى چەكلەشكە دائىر قانۇنىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تىك توك ئۈچۈن ئەجەللىك بىر زەربە بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكادا غايىب بولۇشقا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋاز بېرىشى ۋە پىرېزىدېنت بايدىننىڭ قول قويۇشى بىلەن بۇ يىل 4-ئايدا ماقۇللانغان قانۇن بويىچە، تىك-توك 2025-يىل 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن بۇرۇن خىتايدىكى باش شىركىتى بولغان بايت دەنستىن ئايرىلىپ ئامېرىكا شىركەتلىرىگە تەۋە بولۇشى، ئۇنداق بولمىغاندا ئۇنىڭ ئامېرىكادىن چەكلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىدى. بىراق، تىك توك بۇ قانۇننى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئامېرىكا كولومبىيە ئالاھىدە رايون سوتىغا ئەرز سۇنغان. تىك توك شىركىتى ئەرزىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ «پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەمما ئۈچ نەپەر فېدېراتىپ سوتچى بولسا تولۇق ئاۋاز بىلەن تىكتوكنىڭ ئەرزىنى رەت قىلغان. ئۇلار بۇ ھەقتىكى قارارىدا «ھۆكۈمەت بۇ قانۇننى پەقەت چەتئەلدىكى رەقىب دۆلەتلەرنىڭ كونتروللۇقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىللىق بىلەن تۈزۈپ چىققان» دەپ ئەسكەرتكەن. سوتچىلار يەنە «ھۆكۈمەت پەقەت پىكىر ئەركىنلىكىنى رەقىب دۆلەتلەردىن قوغداش ۋە بۇ رەقىبلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى كىشىلەر ھەققىدە ئۇچۇر توپلاش ئىقتىدارىنى چەكلەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى» دېگەن.

ئەمدى قارار بويىچە، ئامېرىكادىكى تىكتوك ئەگەر 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە بايتدەنستىن، يەنى خىتايدىكى باش شىركىتىدىن ئايرىلىپ چىقالمىسا، ئۇ ھالدا ئامېرىكادا چەكلىنىدۇ.

تىكتوك ئەپ دېتالى ئاددىيلا بىر ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سۇپىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى تەشۋىقات قورالى ۋە جاسۇسلۇق قورالى ئىكەنلىكى ئامېرىكادا كۈچلۈك جامائەت پىكرى قوزغىغان مەسىلە بولۇپ قالغانىدى. تىكتوك ئەپ دېتالى ھەققىدىكى پاكىتلىق ماتېرىياللار تىكتوكنىڭ جامائەت پىكىرگە تەسىر كۆرسىتىش، خىتاي كومپارتىيەسىگە مايىل گېئو-سىياسىي تونۇشنى شەكىللەندۈرۈش، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى رەت قىلىش، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى يوشۇرۇش ۋە بۇنىڭغا دائىر مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون مولىنار (John Moolenaar) بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، «بۈگۈنكى بۇ قارار ئامېرىكا خەلقى ۋە تىكتوك قوللانغۇچىلىرىنىڭ غەلىبىسى ئەمما خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەغلۇبىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئەمدى ByteDance نىڭ كونتروللۇقىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ بىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ، پۇقرالىرىمىزنى نازارەت قىلىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت سالالمايدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.