خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرى ۋە رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، 24 - ئۆكتەبىر بېيجىڭدا باشلانغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18 نۆۋەتلىك 6 - ئومۇمىي يىغىنى مەزگىلىدە، بېيجىڭدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەنلىكى، ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە يىغىن توغرىلىق مۇنازىرە قىلماسلىق ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئائىت خەۋەرلەر بېرىلىدىغان تور بېكەت ساھىپلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ياكى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.
رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىگە كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى كۈندىن بۇيان خىتايدىكى ئۈندىدار، چ چ سالۇنلىرىدا تور بېكەت ساھىپلىرى ۋە توپ باشلىقلىرى تورداشلارنىڭ يىغىن ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىلىق ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بەرگەن. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تور بېكەتلىرىدىن «4 - ئىيۇن تورى» ساھىبى خۇاڭ چى ۋە «پۇقرالارغا نەزەر» تورنىڭ ساھىبى ليۇ فېييۆ ئىككەيلەن يىغىن ھارپىسىدا تۇتقۇن قىلىنغان.
25 - ئۆكتەبىر رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «4 - ئىيۇن تورى» پىدائىيلىرىدىن پۇ فېي ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تور بىكەت ساھىبى خۇاڭ چى 24 - ئىيۇن كەچ سائەت 9 دىن كېيىن ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن. يەنە باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندىن بىر كۈن ئىلگىرى يەنى 23 - ئۆكتەبىر ئەتىگەندە «پۇقرالارغا نەزەر» تورنىڭ ساھىبى ليۇ فېييۆ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغدىغۇچى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.