دونالد ترامپنىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا شى جىنپىڭنى تەكلىپ قىلىشى دىققەت قوزغىدى
2024.12.13
ئامېرىكانىڭ يېڭى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 2025-يىلى يانۋاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى تەكلىپ قىلغانلىقى 12-دېكابىر كۈنى دونالد ترامپنىڭ ئاخبارات كاتىپى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ دونالد ترامپنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى «بەك خەتەرلىك» دەپ قارىشى ۋە بۇ مۇراسىمغا قاتناشماسلىقى مۇمكىن ئىكەن. خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرمىگەن.
بىراق مۇتەخەسسىسلەر «شى جىنپىڭنىڭ ۋاشىنگتوننىڭ 1-ئايدىكى سوغۇقىدا تالادا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمغا قاتنىشىپ، خىتايغا قارشى كەسكىن مەيدانى بىلەن تونۇلغان كابېنت ئەزالىرى بىلەن پەگاھتا ئولتۇرۇشى ۋە دونالد ترامپنىڭ سايلامدىكى غەلىبە نۇتقىنى ئاڭلىشى ئېھتىماللىقتىن تولىمۇ يىراق ئىشلار» دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ مۇراسىمغا تەيۋەنلىك مېھمانلارنىڭ قاتنىشىش ئېھتىماللىقىمۇ تەيۋەننى «خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى» دەيدىغان خىتاي رەھبىرى ئۈچۈن بىر «سەلبىي ئامىل» ھېسابلىنىدىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، تەيۋەننىڭ ئامېرىكادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى 2021-يىلى پىرېزىدېنت جوۋ بايدىننىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشقان بولۇپ، شى جىنپىڭ تەيۋەن دىپلوماتلىرى بىلەن بىر قاتاردا ئولتۇرۇشتەك خەۋپكە تەۋەككۈل قىلمايدىكەن.
پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى بىلەنلا خىتايدىن كېلىدىغان ماللارغا قويۇلىدىغان تاموژنا بېجىنى 60 پىرسەنتكە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دونالد ترامپ ئۆز كابېنتىغا خىتايغا قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزۈش تەرەپدارلىرىنى تاللىغان بىر پەيتتە، خىتاي رەئىسىنى قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىشى ئامېرىكا ئاخباراتلىرىدا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، دونالد ترامپ گەرچە شى جىنپىڭنى مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق مېھماندوستلۇقىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى رىقابەتنىڭ ئاسانلىقچە ھەل بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن.