پىرېزىدېنت دونالد ترامپ خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش ھەققىدە سۆھبەتلىشىدىكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.02.14

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ يادرو قوراللىرىغا ئىگە دۆلەتلەردىن رۇسىيە بىلەن خىتاينى سۆھبەت ئۈستىلىگە تەكلىپ قىلىپ، يادرو قوراللىرىنىڭ دۇنياغا بولغان تەھدىتىنى ئازايتىش ئۈچۈن بۇ قوراللارنى قىسقارتىش ھەم ھەربىي چىقىملارنى ئازايتىش ھەققىدە سۆھبەتلىشىدىكەن.

14-فېۋرال، «ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ 2-ئاينىڭ 13-كۈنى پىرېزىدېنت ئىشخانىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغاندا قىلغان سۆزىدە، رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن يادرو قوراللىرى مۇسابىقىسىنى توختىتىش ھەققىدە سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى، ئۈچ تەرەپنىڭ بىردەك ھالدا غايەت زور مىقداردىكى ھەربىي چىقىمنىڭ يېرىمىنى بولسىمۇ قىسقارتىشقا قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پىرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكانىڭ يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىدىغان يادرو قورال مۇداپىئەسىگە نەچچە يۈز مىليارد دوللار كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئەپسۇسلانغان ۋە رەقىب دۆلەتلەردىن يادرو قورالغا خەجلەيدىغان پۇلىنى قىسقارتىش ۋەدىسىنى ئېلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز يەنە يادرو قوراللىرى ياساپ نېمە قىلىمىز، قولىمىزدىكى قوراللار يېتىپ ئاشقىچە بار. ئۇ دۇنيانى 50 قېتىم، 100 قېتىم گۇمران قىلىشقا يېتىدۇ. بىز بۇ يەردە يېڭىدىن يادرو قوراللىرى ياسىساق، ئۇلار ئۇ يەردە داۋاملىق يادرو قوراللىرى ياسايدۇ. بىز يادرو قوراللىرىغا بەك جىق پۇل خەجلىۋەتتۇق، بىز بۇ پۇلنى باشقا ئىشلارغا ئىشلەتسەك بولىدۇ. بۇنىڭ قالتىس ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ھەم شۇنى ئۈمىد قىلىمەن».

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان يادرو قوراللىرىغا ئەڭ كۆپ ئىگە بولغان دۆلەتلەر ھېسابلانسىمۇ، پىرېزىدېنت ترامپ خىتاينىڭ يېقىنقى بەش-ئالتە يىلدىن بېرى يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇ سەۋىيەگە يېتىشىۋالغانلىقىنى تەخمىن قىلغان. ئەگەر خىتاي ياكى رۇسىيە ھەددىدىن ئېشىپ، بۇ قوراللارنى ئىشلىتىپ قالسا دۇنيا يەر شارى ھالاك بولىدىكەن. پىرېزىدېنت ترامپ بىرىنچى قېتىم ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە خىتاي بىلەن يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، رۇسىيە بىلەن بولغان بەزى كېلىشىملىرى تۈپەيلىدىن سۆھبەتنىڭ نەتىجىسى چىقمىغان.

پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۇكرائىنا بىلەن ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بولغاندىن كېيىنلا، خىتاي بىلەن رۇسىيەنى چاقىرىپ، يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش، ھەربىي چىقىملارنى ئازايتىش ئۈستىدە سۆھبەتلىشىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.