ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ خىتاينى «ئامېرىكا مەنپەئەتى ۋە قىممەت قاراشلىرىغا تەھدىت» دەپ كۆرسەتتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.01.31

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەيشەنبە كۈنى ئاخشام دۆلەت ئەھۋالى ھەققىدە بەرگەن تۇنجى قېتىملىق نۇتقىدا خىتاينى ئامېرىكىنىڭ «ھەم ئىقتىسادىي ھەم ھەربىي جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ سۆزىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيەدىن كېلىدىغان تەھدىتلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي مۇداپىئە كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «دۇنيا مىقياسىدا نۇرغۇن كاززاپ رېجىملار، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا رىقابەتچىمىز بولغان خىتاي ۋە رۇسىيەلەر بىزنىڭ مەنپەئەتلىرىمىزگە، بىزنىڭ ئىقتىسادىمىزغا ۋە بىزنىڭ قىممەت قاراشلىرىمىزغا تەھدىت قىلماقتا».

ترامپ بۇ تەھدىتلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مۇداپىئە كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ سۆزلىرى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى. چارشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرىنىڭ پەرقلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئامېرىكىنى «سوغۇق ئۇرۇش پسىخىكىسى بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ»، دېگەن. 

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىدىن قارىغاندا، پرېزىدېنت ترامپنىڭ 30-يانۋار كۈنى كەچتە سۆزلىگەن مەزكۇر نۇتقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا نەچچە ئون يىللاردىن بېرى يۈرگۈزۈپ كەلگەن «ھەمكارلىق ئارقىلىق تىنچ دۇنيا ۋە ئەركىن خىتاي بەرپا قىلىش» دەيدىغان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ ؛ «قاتتىق رىقابەتلىشىش» ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر نامايەندىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. 

سەيشەنبە كۈنى يەنە، ئامېرىكا دۆلەت ئىستىخبارات ئىدارىسى، يەنى CIA نىڭ باشلىقى مايك پومپىيو ب ب س ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدىمۇ، خىتاي ئامېرىكاغا بېرىۋاتقان زىياننىڭ رۇسىيەدىنمۇ كۆپلۈكىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.