نۇرى تۈركەلنىڭ ئانىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىدە ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلدى
2024.12.02
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 2-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى، ئادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى نۇرى تۈركەلنىڭ ئانىسى خىتايدىن يولغا چىقىپ، ئامېرىكا تەۋەسىدىكى پەرزەنتلىرى بىلەن جەم بولغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بىر ھەپتە بۇرۇن خىتاي ساقچىلىرى نۇرى تۈركەلنىڭ قەشقەردىكى ئائىلىسىگە بېرىپ، ئانىسى ئايشەم مامۇت خانىمنى يۈك-تاقىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ساقچىلار بىلەن بىللە مېڭىشنى ئېيتقان. ئايشەم مامۇت خانىم خۇددى باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش لاگېرغا ياكى تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلىپ، نەچچە يىللار ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلىش ئېھتىمالىنىمۇ خىيال قىلغان. كۈتۈلمىگەندە ئۇ تۆت كۈندىن كېيىن ئامېرىكاغا كېلىپ، 20 يىلدىن بۇيان كۆرۈشەلمىگەن ئىككى ئوغلى ۋە نەۋرىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزئارا مەھبۇس ئالماشتۇرغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچ نەپەر ئامېرىكا پۇقراسىنى قويۇپ بەرگەن. ئىككى دۆلەتنىڭ كېلىشىمىگە ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بۇ تۇتقۇنلارغا قوشۇپ ئايشەم مامۇت خانىم ۋە باشقا ئىككى ئۇيغۇر (ئۇلارنىڭ بىرى ئامېرىكا پۇقراسى) نىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ، ئامېرىكاغا كېلىشىگە قوشۇلغان. بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، 2005-يىل رابىيە قادىرنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ ئامېرىكاغا كېلىشىگە يول قويۇشى ھېسابلىنىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشەلمەسلىكى ئۇزۇندىن بۇيان ئېغىر مەسىلە بولۇپ قالغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، جۈملىدىن پىرېزىدېنت جوۋ بايدىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە نۇرى تۈركەلنىڭ ئانىسىنى ئامېرىكىغا يولغا سېلىپ قويۇشنى ئىككى قېتىم تىلغا ئالغان.
خەۋەردە، نۇرى تۈركەلنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ۋە ئانىسىنىڭ بۇ قېتىم خىتايدىن قۇتۇلۇپ، ئامېرىكاغا كېلەلىشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈشلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتلار، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە سىياسيونلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئاخىرى بۇ قېتىملىق جەم بولۇش ئەمەلگە ئاشقان.