تۈركىيە ھەربىي ئالىي سوت مەھكىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ
2016.08.06
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇندىكى بەزى ماددىلارنى ئۆزگەرتىپ ھەربىي ئالىي سوتنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ ئارمىيەنى ۋە سوت سىستېمىسىنى تېخىمۇ ياخشى نازارەت قىلىشىغا ئاسانچىلىق تۇغدۇرۇپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى جاكارلىغان.
تۈركىيە ئادالەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت ئىيىمايا رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە «ئەدلىيە سىستېمىسىدىكى روھى گۈلەنچىلەرگە سېتىلغانلارنى تازىلاش ھازىرقى ئەڭ مۇھىم تەدبىر. ئەمدى ھەربىي ئالىي سوت مەھكىمىسى ۋە ھەربىي ئىدارە سوتى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھەربىي سوت مەھكىمىلىرى ئەسكەرلەرنى سوتلايدىغان ئورگان بولۇپ، ھەربىي ئالىي سوت مۇشۇ ئەسكەرلەردىن نارازىلىق ئەرزى سۇنغانلارنىڭ ئىلتىماسىنى قاراپ چىقىشقا مەسئۇل ئىكەن.
15 - ئىيۇل مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى 50 مىڭدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت خادىمى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى خىزمەتتىن توختاتقاندىن سىرت 1700 نەپەرگە يېقىن سوتچىنى قولغا ئالغان ئىدى.
ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ سوتچىلارنىڭ ئادىل سوتلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ ئادىل سوتلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.









