ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر يېڭى يىل كىرىشى بىلەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دىنىي ئىشلار نىزامى» نىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىنى ئېلان قىلىپ، دىنىي تەلىم - تەربىيە ۋە دىنىي پائالىيەتلەر ئۈستىدىكى باشقۇرۇش ۋە چەكلىمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.
مەزكۇر يېڭى «نىزام» نىڭ بىر قىسىم ماددىلىرى خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» دا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دىنىي تەلىم - تەربىيە ئورۇنلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ۋە ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر» دىنىي زاتلارنى يېتىشتۈرۈش نۇقتىلىق گەۋدىلەنگەن.
مەزكۇر «نىزام» نىڭ 13-ماددىسىدا مۇنۇلار دېيىلگەن: «دىنىي مەكتەپ ۋە ئىنستىتۇتلار ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلىدۇ. باشقا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسلەرنىڭ دىنىي مەكتەپ قۇرۇشىغا بولمايدۇ. دىنىي مەكتەپلەرنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ئىلتىماسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.»
«نىزام» نىڭ 14-ماددىسىدا «دىنىي مەكتەپلەرنىڭ خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مەكتەپ تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇلۇشى» تىلغا ئېلىنغان بولسا، 15-ماددىسىدا دىنىي مەكتەپلەرنىڭ ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى يېتىشتۈرۈشتەك مەسئۇلىيىتى» نىڭ بارلىقى تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «دىنىي مەكتەپلەر زاپاس ۋەتەنپەرۋەر دىنىي ساھەدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش؛ دىنىي تەلىماتلارنى توغرا ئىزاھلاش؛ دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەشتەك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ.»
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دىنىي ئىشلار نىزامى» نىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بۇ نۇسخىسىدا يەنە دىنىي مەكتەپلەرنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ يېتەكلىشى، نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى لازىملىقى؛ دىنىي ئىبادەت ئورۇنلىرى، مەسىلەن، بۇتخانىلار، مەسچىتلەر ۋە چېركاۋلار دىنىي تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىش، دىنىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈش ھەمدە تەربىيەلەش ئېلىپ بارغاندا، چوقۇم شەھەر-ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتلەرگە دوكلات قىلىپ، دىنىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى لازىملىقى، مۇددىتى ئۈچ ئايدىن تۆۋەن دىنىي تەلىم-تەربىيە ۋە تەربىيەلەش ئۈچۈن، چوقۇم ناھىيە دەرىجىلىك ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئىشلار تارمىقىغا تىزىملىتىشى لازىملىقى ئەسكەرتىلگەن.
بۇ قانۇن 2024-يىلى 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يولغا قويغان تىل، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى قىرغىنچىلىقلىرى بىردەك «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» نامىدا داۋام قىلىپ كەلمەكتە. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكى يوقىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، مىليونلارچە ئۇيغۇر ئىسلام دىنى بىلەن بولغان تۈرلۈك باغلىنىشى تۈپەيلىدىن لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ باستۇرۇش قىلمىشىنى «تېررورلۇققا ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارالماقتا.