ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ دائىرىلىرى تور ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.01.05

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ج خ دائىرىلىرى 2024-يىلىنىڭ كىرىشى بىلەن تەڭ رايوندا تور ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ دائىرىلىرىنىڭ رايوندا تور ئەركىنلىكىگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش ھەرىكىتى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ 2024-يىللىق «توردا ئۆسەك سۆز تارقىتىشقا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى» نىڭ بىر پارچىسى ئىكەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى 5-يانۋار كۈنى ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە توردا «ئۆسەك سۆز» تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغان 5 تىپىك دېلونى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە، يۇقىرىقى بەش تىپىك دېلوغا چېتىشلىق شەخسلەرنىڭ ئۈرۈمچى سايباغ رايونى، شىخەنزە، قۇمۇلنىڭ ئىۋېرغول، ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان ۋە خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى ۋېيفاڭ شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق پۇقرالار ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ دائىرىلىرى شەندۇڭ ج خ ئورگانلىرى بىلەن بىرلىشىپ، توردا ئۇيغۇر رايونىدا يەر تەۋرىگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇر تارقاتقان ۋاڭ فامىلىلىك بىر كىشىگە مەمۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەرگەن.

 خەۋەردە، قالغان 4 كىشىگىمۇ گەنسۇدا يەر تەۋرىگەنلىكى، ئۇيغۇر رايونىدا تېررورلۇق پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى، ساقچى ئاپتوموبىلى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ ھاراق ئىچىشنى چەكلىگەنلىكىگە ئائىت «ساختا خەۋەرلەر» نى تارقىتىشى سەۋەبلىك مەخسۇس دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مەمۇرى تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. لېكىن خىتاي ج خ دائىرىلىرىنىڭ 2024-يىللىق «توردا ئۆسەك سۆز تارقىتىشقا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى» باشلانغاندىن بېرى، ئۇيغۇر رايونىدا قانچە كىشىنىڭ بۇ خىل ئەيىبلەش بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر، تۈرمىلەرگە قاماش ھەرىكىتى باشلانغان 2017-يىلىدىن بېرى، ئۇيغۇر رايونىدا ئۇچۇرنى قامال قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنىدى. خىتاي ج خ مىنىستىرلىق مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا، 2024-يىلىنى «توردا ئۆسەك سۆز تارقىتىشقا زەربە بېرىش يىلى» دەپ ئېلان قىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.