ئۇچۇر تېخنىكىسى بويىچە خىتايغا ئون نەچچە يىل جاسۇسلۇق قىلغان خىتاي قولغا ئېلىندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.07.26

MSN خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 25-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2012-يىلىدىن بۇيان ئۇچۇر تېخنىكىسى (IT) ساھەسى بويىچە خىتاي ھۆكۈمىتىگە جاسۇسلۇق قىلىپ كەلگەن ئامېرىكا پۇقراسى لى پىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدا قولغا ئېلىنغان.

قولغا ئېلىش بۇيرۇقىدا ئېيتىلىشىچە، لى پىڭ ئىسىملىك بۇ خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ جاسۇسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ جاسۇسلۇق جىنايەتلىرى ئىچىدە ئەڭ چوڭى ئۇنىڭ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكا تەۋەسىدىكى دىنىي ئېتىقاد ساھەسىگە مەنسۇپ ھەرىكەتلەر، جۈملىدىن فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرىغا دائىر غايەت زور مىقداردىكى ئۇچۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يوللاپ بەرگەنلىكى بولغان. شۇ قاتاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئامېرىكا تور ساھەسىگە قىلىنىدىغان ھۇجۇمغا قولايلىق يارىتىدىغان ئۇچۇرلارنى، خىتايدىن ئامېرىكا تەۋەسىگە قېچىپ بېرىۋالغان شەخسلەرنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنىمۇ كۆپلەپ توپلىغان ھەمدە خىتايغا يوللاپ بەرگەن.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «لى پىڭ 2012-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپى بويىچە خىتاي ھۆكۈمىتى قىزىققان دائىرىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ بەرگەن. شۇنىڭدەك خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم خىتايغا بارغان» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا پۇقرالىرى ھەمدە ئامېرىكا تەۋەسىدىكى خىتايلارنى ئۆز مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن جاسۇسلۇققا ياللاپ كەلگەن بولۇپ، ھەر يىلى دېگۈدەك بىرنەچچىسىنىڭ پاش بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.