كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا بولغان بېسىمىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
2023.01.13
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 12-يانۋار كۈنى ئۆزىنىڭ 2023-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقى، خىتايغا بولغان بېسىمنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، «شىنجاڭدىكى كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولغان كوللېكتىپ دىققەت، بېيجىڭنى مۇداپىيە ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قەبىھ قىلمىشىنى ئاقلاش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرپ قىلماقتا» ئىكەن. دوكلاتتا گەرچە بېيجىڭ دائىرىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدا تېرورلۇققا مۇۋەپپەقىيەتلىك قارشى تۇرغانلىقىنى تەرغىپ قىلسىمۇ، «لېكىن ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا نەچچە مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى داۋاملىق قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنى كەمسىتكەنلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەن.
دوكلاتتا يەنە ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا قاماقتىكى 3000 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ باش سۈرىتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشقا ئائىت ئىچكىي سىياسەت ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارلانغانلىقى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى باستۇرۇشى «ئىنسانىيتەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىن» لىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، «شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە، بىزنىڭ خوشاللىنارلىق بىر خەۋەرگە ئېرىشەلمەسلىكىمىز» ئىكەن. ئۇ: «بىز قانچىلىك ئادەمنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلمەيمىز. گەرچە بەزى كىشىلەر قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن زاۋۇتلارغا يۆتكەپ كېتىلدى» دېگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتى، 14 دۆلەتتىن كەلگەن ئاتالمىش «مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى» ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ رايوندىكى ئاتالمىش «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش پىلانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقى» نى تەبرىكلىشى قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىغان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى.