«يۇنىكلو» نىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» نى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى خىتاينىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.12.02

ياپونىيەنىڭ كىيىم-كېچەك شىركىتى «يۇنىكلو» (Uniqlo) نىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورى تاداشى يانايى 27-نويابىر كۈنى BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يۇنىكلونىڭ «خىتاينىڭ غەربىي ئۆلكىسىدىن كەلگەن پاختىلارنى ئىشلەتمەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. بۇنىڭغا نارازى بولغان خىتاي تەرەپ يۇنىكلوغا قارشى كۈچلۈك پىكىر ئېقىمى پەيدا قىلغان.

BBC نىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇنىكلو شىركىتى باش دىرېكتورىنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» نى ئىشلەتمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ئوبزورچىلىرى يۇنىكلوغا قارشى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، بۇ شىركەتنىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلىش شامىلى قوزغىغان. مىليونلىغان خىتايلار ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا «شىنجاڭ پاختىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى پاختا»، «مەن شىنجاڭ پاختىسىنى قوللايمەن»، «يۇنىكلونىڭ خىتايدىكى سودىسى چۈشۈپ كەتتى» دېگەن خەشتەگ (#) ناملىرى ئاستىدا پىكىر بايان قىلىشقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئىزچىل تۈردە يۇنىكلونىڭ ئەڭ چوڭ بازارلىرىدىن بىرى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەڭ مۇھىم كىيىم-كېچەك ئىشلەش مەركىزى ھېسابلىنىدىكەن. «شىنجاڭ پاختىسى» سەۋەبىدىن يۇنىكلوغا ئوخشاش قارشىلىققا دۇچ كەلگەن شىركەتلەردىن يەنە شىۋېتسىيەنىڭ H&M شىركىتى، شۇنداقلا نايكى، ئادىداس، بۇربېررى (Burberry) قاتارلىقلار بار ئىكەن. 2024-يىل 9-ئايدا، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى يەنە كەلۋىن كلەين (Calvin Klein)، توممى ھىلفىگېر (Tommy Hilfiger) شىركەتلىرىنىڭ بېشى بولغان PVH شىركىتىنى «ھېچقانداق پاكىتسىز شىنجاڭ پاختىسىنى چەكلىگەنلىكى» ئۈچۈن تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى، جۈملىدىن «شىنجاڭ پاختىسى» دىن ئىشلەنگەن توقۇلما بۇيۇملىرىنى چەكلىشىگە قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. 2021-يىل 3-ئايدا، خىتاي تاشقى ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئىنكار قىلىپ: «بەزى چەتئەل شىركەتلىرى خىتاينىڭ ئېشىنى يەپ، خىتاينىڭ قازىنىنى چېقىۋاتىدۇ» دېگەنىدى. بۇ قېتىم خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ يۇنىكلونىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» نى ئىشلەتمەيدىغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «شىنجاڭ پاختىسى» نىڭ ئەڭ ياخشى پاختا ئىكەنلىكىنى، «سودىغا سىياسەتنى ئارىلاشتۇرماسلىق كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.