ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شەكىلۋازلىققا ئائىت تۆت تىپىك دېلونى ئېلان قىلغان
2024.08.13
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نۆۋەتتە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان ھەر قايسى قاتلاملاردىكى شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تۆت تىپىك دېلونى ئېلان قىلغان.
سىياسەتنى ئىجرا قىلىشتا شەكىلۋازلىق قىلماسلىق، خىتاينىڭ 2017-يىلى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماشتا قاتتىق تەكىتلەنگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولغان. شۇ ۋاقىتتا بەزى ئەمەلدارلار ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا شەكىلۋازلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بەرگەن خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇش ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئازايتىش ئالاھىدە خىزمەت مېخانىزمى ئىشخانىسى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىشخانىسى بىرلىكتە 12-ئاۋغۇست شەكىلۋازلىقنى تۈزەشكە ئائىت 4 تىپىك دېلونى ئاشكارا ئېلان قىلغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ئىككى ئورگان تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخۇ شەھەرلىك ئەرزىيەت ئىشخانىسى، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيە لەنگەر يېزىسى ۋە قەشقەر شەھىرىنىڭ دوڭخۇ ئاھالىلەر رايونى قاتارلىق تۆت ئورۇننى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىشتا ئەستايىدىل بولماسلىق ياكى ئىجرا قىلىشتا شەكىلۋازلىق قىلىپ، نارازىلىق ياكى ناچار كەيپىيات پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، قەشقەر شەھىرىنىڭ دوڭخۇ ئاھالىلەر رايونىدىكى بىر قىسىم كادىرلارنىڭ كۆپ قېتىم ئاممىۋى يىغىلىش تەشكىللەپ، ئاھالىلەردە بىزارلىق پەيدا قىلغانلىقى، كادىرلارنىڭ جاۋابكارلىقنى كېڭەيتىۋېتىش خاھىشى سادىر قىلغانلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندىن خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدا ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىپ، سىياسىي ئۆگىنىشكە تەشكىللەش، بايراق چىقىرىشقا قاتناشتۇرۇش ۋە ھەر خىل مەسئۇلىيەت تۈزۈملىرىنى كەڭ يولغا قويغان. بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى لاگېرلارغا يوللىغان ئىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر يۇقىرىقى ئورۇنلارنى پارتىيە مەركىزى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ جەھەتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا «يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمەسلىك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلماسلىق، تونۇشى يېتەرلىك بولماسلىق» بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.