ئۇيغۇر دىيارى خىتاينىڭ يېڭى ئاشلىق بازىسى بولۇۋاتامدۇ؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.05.29

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 28-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتى «ئىچكى قىسىمدا قالدۇرۇق ساقلاش، دۆلەتنى تەمىنلەش» پىرىنسىپى بويىچە «دۆلەتنىڭ ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش سىياسىتىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش» نى باشلىغان، شۇنىڭدەك 2024-يىللىق يازلىق ئاشلىق يىغىمىنىڭ دەسلەپكى تەييارلىقىنى تاماملىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ «باش ۋەزىپىنى تولۇق ئىجرا قىلىش» ئۈچۈن يەكەن، كوناشەھەر قاتارلىق ناھىيەلەردىمۇ تېگىشلىك خىزمەتلەر جىددىي قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، ئامبارلارنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش، ئاشلىق ساقلاش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئاشلىق سېتىۋېلىشنى ئاسانلاشتۇرۇش  قاتارلىق چارىلار ئېلىنغان. يەكەن ناھىيەلىك ئاشلىق سېتىۋېلىش چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ئەسقەر تۇرسۇن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «بۇ يىل 110 مىڭ توننا ئاشلىق سېتىۋالماقچى بولۇۋاتىمىز.  ھازىر بۇنىڭ ئامبارلىرىنى تەييارلاپ بولدۇق» دېگەن.

قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىشنىڭ باش نىشانى «دۆلەتنى تەمىنلەش» بولىدىغانلىقى خەۋەردە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدا قەشقەردىكى كۈزگى بۇغداي تېرىلغان تۆت مىليون مو (تەخمىنەن 266 مىڭ گېكتار) تېرىلغۇ يەردىن بىر مىليون 800 مىڭ توننا ئاشلىق يىغىۋېلىش مۆلچەرلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «سېتىۋېلىش، سېتىپ بېرىش ۋە ساقلاش» ھالقىلىرىنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىنىپ، ھېچقانداق مەسىلە چىقماسلىقىغا كېپىللىك قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

خەۋەردە تەكىتلەنگەن بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا ۋۇجۇدقا چىقىرىۋاتقان زور كۆلەملىك ئورۇنلاشتۇرۇشلار، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا «سەككىز چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى» بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەسى بىلەن زور دەرىجىدە ماس كېلىدىغانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتاي بىلەن غەرب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بارغانسېرى يىرىكلىشىپ مېڭىۋاتقاندا، خىتاينىڭ يېڭى بىر مەيدان «سوغۇق ئۇرۇش» قا تەييارلىق كۆرۈش، «ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش» چاقىرىقى كۆپ تەكىتلىنىشكە باشلىغان ئىدى. خىتاي يېزا ئىگىلىك-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاپرېلدىكى ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاشلىق ئىمپورتى 12 مىليون توننادىن ئاشقان بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 30 پىرسەنت كۆپەيگەن. نۆۋەتتە قەشقەر رايونىدىكى ئاشلىق يىغىۋېلىش پائالىيىتى دەل مۇشۇ خىل ئېھتىياجنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان، دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.