خەلقئارادىكى ئىككى نۇپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرنال خىتاي گېن تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ئىككى پارچە ماقالىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ DNA سىنى رۇخسەتسىز ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن بىكار قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي گېن تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ ھەركىتى «ئىلمىي تەتقىقات ئەخلاقىغا خىلاپ» دەپ قارالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئاز دېگەندا بىر مىليون ئۇيغۇرنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى مەجۇرىي يىغىپ، زور كۆلەملىك DNA ئامبىرى قۇرغان.
بۇ DNA ئامبىرىدىكى ئۇچۇرلار خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ھەمدە ھەر خىل مەخپىي تەتقىقات ۋە ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنى كۆچۈرۈشتە ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن ئىكەن. «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىككى پارچە ماقالە ئىلگىرى «خەلقئارا قانۇن تىبابىتى ژورنىلى» ۋە «ئىنسان گېنېتىكىسى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئىكەن.
بۇ ئىككى پارچە ماقالە بىر قانچە خىتاي تەتقىقاتچىسى تەرىپىدىن بىرلىشىپ يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق قانۇن تىبابىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى سەيشيا ئىكەن.
خەۋەردە بۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزۈلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىپ، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، يۇقۇرى تېخنىكالىق نازارەت قىلىشتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھەمدەمدە بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىشىلىچە، «خەلقئارا قانۇن تىبابىتى ژورنىلى» 7-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ماقالىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ ئالدىدا «ئىنسان گېنېتىكىسى» ژورنىلى بايانات ئېلان قىلغان ئىكەن.