ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنىدە خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىگە قارشى سادالارنى كۈچەيتىش تەكىتلەندى

12-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى بولۇپ، يىللاردىن بېرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، تۈركىيە، ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار بۇ كۈننى ئوخشىمىغان شەكىللەردە خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى، نامايىشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆز قىلىپ: «بۈگۈن تارىخىي بىر كۈن، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغانلىقى جاكارلانغان بىر كۈن، خەلقئارا مۇشۇ سائەت، مۇشۇ مىنۇتتا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتا ھەر بىر دۆلەتنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى بولغاندەك، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىرقى، تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ توختىتىشنىڭ ئەخلاقىي بىر مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە توپلاندۇق. بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن پۈتۈن ئۇيغۇرلار، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلار، پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. ئالدى بىلەن بىز ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز، بۇ مەجبۇرىيىتىمىزنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك» دېدى.

9-دېكابىر كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى X ھېسابىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان بىرلىك سەپەرۋەرلىكى چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان پارلامېنت ئەزالىرى X دا پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە داۋام قىلىۋاتقان بۇ جىنايىتىنى توختىتىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەنگلىيە پارلامېنتى ئەزاسى دانكىن سىمىس مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار بۇنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ. بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك، بىز قىلالايدىغان ئىشلاردىن بىرى شىنجاڭدىكى قۇل ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى ياكى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشتۇر». فىرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى جېنىۋىۋ گارىگوس (Genevieve Garrigos) ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىپ: «بۇ جىنايەتنى بىلىپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلماسلىق ئۇنىڭغا شېرىك بولۇشتۇر» دېگەن.

كانادا پارلامېنت ئەزاسى ئالېكسىس برۇنېل (Alexis Brunelle) مۇ X دا قىلغان سۆزىدە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېتىراپ قىلىنىپ ئارىدىن 4 يىل ئۆتكەندىمۇ بۇ جىنايەتنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ بۇ جىنايەتكە قارشى كۈچلۈك ئاۋاز چىقىرىشىغا ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەك موھتاج. سۈكۈت قىلىش مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ خورىكىنى تېخىمۇ ئۆستۈرىدۇ، شۇڭا بىز ئاۋازىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك» دېگەن.

2021-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى خەلقئارا ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى خىتاي كومپارتىيەسى ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلغان كۈن بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان 9-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەستە تۇتۇش، ئۇنى ئۇنتۇماسلىق ۋە ئۇنتۇلدۇرماسلىق كۈنى بولۇپ خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.