ئۇيغۇر دىيارىدىكى قۇرۇلۇش سېپىگە 200 مىڭ ئىشچى قوشۇلماقچى

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا «ئىشچىلار سېپىنى كېڭەيتىش ۋە نامراتلار ئۈچۈن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش» نامىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا كەلگۈسى ئۈچ يىل ‍ئىچىدە 200 مىڭ ئىشچىنى قۇرۇلۇش ساھەسىگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىىشچە، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار دىيارىدا قۇرۇلۇش ساھەسىگە 300 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى ئېلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي پىلاننىڭ 60 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىكەن. بۇ ئىشچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىلى، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىنغانلار ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىردەك قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنى تەربىيەلەش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئۆزىدە 60 مىڭ كىشى بۇ مەركەزلەردە تەربىيەلىنىدىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار بۇ ھالنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەمۇرىي ئورۇنلار ۋە ساقچى سىستېمىسىغا مىڭلاپ كادىر قوبۇل قىلىشى بىلە سېلىشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش سېپىگە ئېلىنىدىغان بۇ 200 مىڭ كىشىنىڭ لاگېرلاردىن قويۇپ بېرىلىدىغان ياش ۋە ئوتتۇرا ياش كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈردى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقاچان «نامراتلىقنى تۈگىتىش» دېگەندەك ناملار بىلەن بۇ خىل تەدبىرلەرنى نىقابلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.