خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «جۇڭخۇا مىللىتى» بەرپا قىلىشنىڭ كۈچلۈك ئاخبارات تەشۋىقات ھەرىكىتى قوزغىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.09.23

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە 2017-يىلى 2-ئايدا باشلانغان چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن كەڭ كۆلەمدە يولغا قويغان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» بەرپا قىلىش ھەرىكىتىدە يېڭى تەشۋىقات ھۇجۇمى قوزغىغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 22-سېنتەبىر يەكشەنبە كۈنى ھەر قايسى چوڭ خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 200 دەك مۇخبىرىنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر ئېلىدە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» قانداق شەكىللەنگەنلىكىنىڭ ھېكايىسىنى تونۇشتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ خىتاينىڭ يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بېرى خەلقئارادىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىش سادالىرىغا قارشى قوزغىغان بىر قاتار دىپلوماتىك ۋە ئاخبارات تەشۋىقات ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارالماقتا.

خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ خەلقئارا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولغان CGTN قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ 200 دەك خىتاي مۇخبىرىنىڭ خەۋەر بېرىش، زىيارەت قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق «شىنجاڭدا كۈچلۈك دەرىجىدىكى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىتىشقا ۋەدە بەرگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە، خىتاينىڭ بۇ خىل دىپلوماتىك ۋە ئاخبارات تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتە قانداق ئامىللارنى كۆزدە تۇتقانلىقى مەلۇم ئەمەس بولسىمۇ، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۆتكەن ھەپتە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە يەنە مۇنازىرە قوزغىغان، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ بەزى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى سۇنغان بىر پەيتتە كۈچىيىشى دىققەت قوزغىماقتا. ھالبۇكى، CGTN نىڭ خەۋىرىدە بۇ 200 مۇخبىرنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «كۈچلۈك جەمئىيەت بەرپا قىلىش: ئىتتىپاقلاشقان جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسى» ناملىق ئاخبارات تەشۋىقات پائالىيىتىدە يۇقىرىقى قەسەمدە بولغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

 مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مۇخبىرلار بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ پارچىسى» دەپ قارىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، «خىتاينىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدىكى شىنجاڭ بابى» نى يېزىپ چىقىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.